logo

trugen jacn

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى: بارلىق ئىسپاتلار ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىنى ئىشارەت قىلىدۇ

 

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماقالە يېزىپ، دەلىللەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىنى ئىشارەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىنىڭ ئاركانساس شىتاتلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتون يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى دەلىللەرنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلارنى ئىشارەت قىلغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ھەقىقەتنى يۇشۇرۇشى سەۋەبلىك بۇ دەلىللەردىن بىۋاستە خۇلاسە چىقىرىشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كوتتون «ۋول كوچىسى ژورنىلى»دا ئىلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تۇنجى بولۇپ ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بارغان كىشىلەردە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، لېكىن تۇنجى يۇقۇمنىڭ بۇ بازارغا خېلى يىراق بولغان بىر رايوندا ۋە بۇ بازارغا بارغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلمىغان بىر كىشىدە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

كوتتون يەنە، كورونا ۋىرۇسى مول بولغان پانگولىن ۋە شەپەرەڭنىڭ ۋۇخەندىكى بازاردا يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتىنىڭ ۋە خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ بازارغا يېقىن جايدا بىردىن تەجرىبىخانىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كاتىن، كىشىلەرنىڭ ۋۇخەندە شەپەرەڭگە پەقەت بۇ ئىككى تەجرىبىخانىدىلا ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

توم كوتتون ماقالىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن ۋىرۇس ئىنستىتۇتى تەجرىبىخانىلىرىنىڭ كېرەكلىك سەھىيە تەدبىرلىرىنى ئالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، 1- ئايدا تەجرىبەخانىغا ھەربىي دائىرىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمنامىسىنى يېڭىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

200416-tom-cotton-china

ئۇ بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ تەجرىبىخانىدا ۋىرۇس ھەققىدە كەسىپداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان دوختۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىخانىدا، ئېرىشكەن ئەرۋىشكىلەرنى يوقىتىش بۇيرۇقى بېرىلدى. ۋىرۇسنىڭ گېنلىرىنى ئىلان قىلغان تۇنجى تەجرىبىخانا تاقالدى. بارلىق ئىسپاتلار ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇرمىلىشى سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ بىۋاستە ۋە ئېنىق ئىسپاتقا ئېرىشەلمەيمىز» دېدى.

2020- يىلى 22- ئاپرىل

http://turkistantimes.com/uy/news-12617.html

Share
3168 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.