logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىلھام توختى ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئالدىدا مەخسۇس «خىتايدىكى قەھرىمانلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش تەشەببۇسى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشەببۇس خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى كىرىس سىمىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس ماركو رۇبىيولار باشچىلىقىدا ئېلان قىلىنغان.

تەشەببۇستا، خىتايدا قولغا ئېلىنغان، قامالغان ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان. تىزىملىكتە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تور بەت باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئايال مۇخبىر گاۋ يۈ، پۇ جىچياڭ، تىبەتلىك ناخشىچى لولو قاتارلىق 20 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنىڭ ئىسمى يەر ئالغان.

تەشەببۇسنامىدە ئۇلار «قەھرىمان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە بۇ كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى بىرمۇ-بىر ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەشەببۇسنامىسىدە يەنە، بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قەھرىمانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، تاكى ئۇلار ئازاد قىلىنغۇچە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09172015164806.html

Share
1697 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.