logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: خىتاي 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: خىتاي 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رايوندىكى لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ تەرىپلىشى، شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى 3 مىليونغا يېقىن، دەپ ئېلان قىلىشىدۇر. ئامېرىكادىكى «فوربىس» تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شرايۋېر ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان. ئاخبارات يىغىنى بەش دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق مۇداپىئە دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ «خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ جىددىي ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقى، كومپارتىيەنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى» ھەققىدە سۆزلىگەن. 

رەندى شرايۋېر بىر مۇخبىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ «جازا لاگېرلىرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىر مىليون كىشىنىڭ ياكى 10 مىليون نوپۇسلۇق بىر خەلقنىڭ 3 مىليوندەك ئاھالىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئىنتايىن زور رەقەم. بىز ئىگىلىگەن تۇتقۇننىڭ كۆلىمى، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاشكارا بايانلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر تەرىپلەشتۇر» دېگەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، رەندى شرايۋېرنىڭ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن. بۇ رەندى شرايۋېرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى تۇنجى قېتىم تەنقىد قىلىشى ئەمەس. ئۇ يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى خادسون ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ خىتاينى تەنقىدلىگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/lager-mesilisi-05062019142822.html
Share
2107 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.