logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاقسارايدىكى يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ قاتناشقان

image (1)

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

30-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس ئاقسارايدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئاڭلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغوللاردىن تەركىپ تاپقان 9 ۋەكىل قاتناشقان ئاقسارايدىكى بۇ يىغىندا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندىمۇ بار ئىكەن.

بۇ ئوباما تەختكە چىققاندىن بۇيانقى 8 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئاقسارايدا پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سورۇنى ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۆزىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنى ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس تەرىپىدىن ئاقسارايدا چاقىرىلغان پىكىر ئېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى، ئۇ يىغىن بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئاقسارايدا قانداق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ۋاقتىنچە ئاخباراتقا ئاشكارا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارنىڭ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دىققىتىنى قوزغاش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/g-20-obama-09012016150214.html

Share
941 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.