logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

john-kerry-abd-nin-yeni-disisleri-bakani-oldu-4287919_1879_o

 ئىرادە

بۈگۈن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ تىنچ يىل بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇشنىڭ زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمدا ھەتتا يېقىندا ئېچىلغان ئامېرىكا- خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنىدىمۇ تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسىمۇ ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭغا قىلغان زىيارىتىدە ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.

دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي سۆزىدە يەنە، تىنچلىقپەرۋەر زاتلارنى جازالاشنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

سەيشەنبە كۈنى يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان رەھىمسىزلەرچە سوتنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ سوتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقتىن يوقسۇنلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سوتىنىڭ ئادىل ۋە قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتىشنىڭ قېيىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09232014170914.html

Share
1353 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.