logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھەزېر نائۇئېرت(Heather Nauert)، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسى خىتاي دائىرىلرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلدى.
نائۇئېرت مەزكۇر ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلار بىلەن چۈشكەن رەسىمى بىلەن بىرگە 18- ئاپرىل تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قەيسەر مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا دائىر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان خەۋەرلەرنى بەردى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە قانۇنى تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار. خىتاي قانۇنسىز قولغا ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.»

Adsdfasdfdsfsız

بۇندىن بۇرۇن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ شۆھرەت ھوشۇر، گۈلچېھرە قەييۇم قاتارلىق ئالتە نەپەر مۇخبىىرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلرى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن بۇ ئىش نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
18- ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-2791.html

Share
1639 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.