logo

trugen jacn

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىقى تەنقىد قىلىندى

250a1358-59d8-4dc7-9fc8-cc652476ab96

ئەركىن

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2015‏-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، دائىرىلەرنىڭ ساقال، ھىجاپ ۋە باشقا ئىسلام كىيىم-كېچەك، قىياپەتلەرگە قويغان چەكلىمىسىنى ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن قاتتىق چەكلەش سىياسەتلىرىدىن كېيىن، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئىبادەت قىلىشنى، ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› قا ياتىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى مەنئى قىلدى. دائىرىلەر يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا چۈمبەل ئارتىشنى چەكلىدى.»

دلېكىن دوكلاتتا يەنە، رايوندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىجتىمائىي كەمسىتىش ۋەقەلىرىنى نوقۇل دىنىي كىملىك سەۋەبلىك يۈز بەردى، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «چۈنكى، دىن، مەدەنىيەت، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن رايوندىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي كەمسىتىش ھادىسىلىرىنى پەقەت دىنىي كىملىككىلا باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۈشكۈل» دېگەن.

چارشەنبە كۈنى، دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇقنى باھانە قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلدى.

جون كەرىي، «بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىشىگە ئوخشاشلا قارشى تۇرىمىز. ‹تېررورلۇق›، ‹ئاشقۇنلۇق›» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلار ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ. مەجبۇرى يارىتىلغان سۈنئىي دىنىي ئىپادە كەيپىياتى ئىناقلىققا شىپا بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ۋەھىمە، غەزەپ ۋە ئىسياننىڭ رېتسېپى، خالاس. ۋاقىت بىزگە شۇنى ئۆگەتتى، ئەگەر پۇقرالارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە ئىبادىتىنى تىنچ بەجا كەلتۈرۈش ھوقۇقى رەت قىلىنسا، ئۇلار باشقا يوللارنى، كۆپ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ خەتەرلىك يوللارنى تاپىدۇ.»

دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، دىنىي باستۇرۇش ئۇيغۇر ئېلىدە بەزى قانلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ، «ھۆكۈمەت ئىزچىل تەرغىب قىلىۋاتقان تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەھدىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىشتىكى ئاساسى. پۈتكۈل خىتايدا دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش دائىرىلىرى ۋە ئامانلىق ئورگانلىرى تىزىمغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغان بارلىق دىنىي گۇرۇھلارنى، خۇسۇسەن دىنىي يىغىلىش، ئاممىۋى-خۇسۇسى سورۇنلاردا دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ۋە دىنىي ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ ۋە چەكلەپ كەلدى. ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى دىنىي باستۇرۇشى داۋاملىق ئېغىرلاشتى.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل باش ئەلچىسى ساپېرستېين ئاخبارات يىغىنىدا، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش، چەكلەش ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق بەزى رايونلاردا ئىبادەتخانىلارنىڭ ئادەم بىلەن لىق تولغانلىقى ۋە قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي كونتروللۇقى يېنىك رايونلاردا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ كۈچىيىپ، جەمئىيەتكە پايدىلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ سىياسەتنى پۈتۈن جۇڭگودا بىردەك يولغا قويۇشقا چاقىردى.

دەيۋىد ساپېرستېين، «بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇ رايونلاردىكى بۇ ئۇسۇلنى پۈتۈن دۆلەتكە كېڭەيتىشكە چاقىرىمىز. بىراق كۆپ ھاللاردىكى قاتتىق چەكلەش سىياسىتى دىنىي ھاياتنى بوغۇپ، خىتاي خەلقىنىڭ يۇقىرىقى ئىمكانلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ رېئاللىق خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن خىتاي قانۇن سىستېمىسى ئىچىدە تۇرۇپ، دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن داۋاملىق ئېغىرلاشتى. ئۇ كىشىلەر تىنچ پائالىيەت قىلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر خرىسيتان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ كەينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈشتىن سەلبۇرۇن قولغا ئېلىنغان،ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوق.»

باش ئەلچى دەيۋىد ساپېرستېين بۇ يىل 8‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇ، شۇ سەپىرىدە ئادۋوكات جاڭ كەي بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەن بولسىمۇ، بىراق جاڭ بىر كۈن ئاۋۋال ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. كېيىنرەك جاڭ كەينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

باش ئەلچى دەيۋىد ساپېرستېين ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا دىنىي گۇرۇھلارغا، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىپادە ۋە دىنىي ئىبادەتلىرىنى كونترول قىلىش كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

دەيۋىد ساپېرستېين، «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىنچ دىنىي ئىپادىلىرىنى، دىنىي ئىبادەتلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈنسېرى كۈچەيتىپ كەلدى. ساقال قويۇش، ھىجاپنى چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ شۇلارنىڭ بىر مىسالى.»

د ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بۇ دوكلات ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەيدانى قەيت قىلىنغان مۇھىم ھۆججەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، بۇ دوكلات «ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىدە دىنىي زىددىيەتنىڭ سالمىقى كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

قاھار بارات، «بۇ ناھايىتى مۇھىم دوكلات. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ دوكلاتتىكى كۆرسەتكەن پاكىتلار بويىچە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ دۆلەت دوكلاتىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇ ئادەتتىكى بىر تەتقىقات ماتېرىيالى ئەمەس.

ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان دىنىي بېسىم، دىنىي ئېكسپىلاتاتسىيە، دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بولۇۋاتقان بەزى ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭكى خاتالىقىنى، بەزىلىرىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، دېگەننى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇ، ئەمدى ئۇيغۇرلاردىكى رايون خاراكتېرلىك مىللىي مەسىلىدە ھازىرقى دىنىي زىددىيەتنىڭ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي كەيپىيات ۋە دىنىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشى پەيدا قىلغان. ئۇ، خىتاي دىنىي باستۇرۇشنى قارا-قويۇق داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانچىلىك ناچار يەرگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك، دېدى.

قاھار بارات، «خىتاي ئۆزىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئەڭ ئېچىنىشلىق، ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقە، زىددىيەتلەر مۇشۇ دىنىي ئۇرۇشتىن بولغان. مەسىلەن، قىسقىغىلا ئېيتايلى، 19-ئەسىر ئاشۇ بىر ئەسىر ئىچىدە يۈننەن دالادا قوزغالغان تۇڭگانلار قوزغىلىڭىدا، 10 مىليون ئادەم ئۆلدى. شەنشى، گەنسۇدىكى تۇڭگانلار قوزغىلىڭىدا 15 مىليون ئادەم ئۆلدى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت دوكلاتىدا بۇ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ۋەقە دىنىي بېسىم، دىنىي قارشىلىقلارنىڭ كۆرسەتكەن ئىكەن، خىتاي بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، سەگەھلىك بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان دىنىي قارشىلىقنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بىز بۇنى داۋاملىق بۇنداق قارا-قويۇق بېسىم ئۇسۇلى بىلەن قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئاقىۋەتنىڭ قانچىلىك ناچار يەرگە بارىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايلىنىپ كەلگەندە جاۋاب ناھايىتى ئاددىي، بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا يەنە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىشى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىندى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەردە ئاتېئىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىنى تاماملىشى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قانۇندا، ياش ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان چوڭلار جازالىنىدۇ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-10152015140432.html

Share
2542 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.