logo

trugen jacn

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى: خىتاي ئېتىقادقا جەڭ ئاچتى

2019- يىلى 8- مارت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام براۋنبەك 8- مارت جۈمە كۈنى خوڭكوڭدا سۆز قىلغاندا، بېيجىڭنى دىنىي ئېتىقادقا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى، ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

براۋنبەك جۈمە كۈنى خوڭكوڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدا نوتۇق سۆزلىدى. ئۇ، ”بېيجىڭ ئېتىقادقا جەڭ ئاچتى، بۇ جەڭدە غەلبە قىلالمايدۇ“ دېدى. ئۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتەك  ئاساسلىق ۋە مۇقەددەس ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ”خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېتىقادلىق كىشىلىرىدىن قورقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنجىل تۇتقان كىشىلىرىگە ئىشەنمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بالىلىرىغا مۇھەممەد دەپ ئىسىم قويالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تىبەتلەر مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش ئۆز دىنىي رەھبەرلىرىنى تاللىيالمايدۇ؟“ دەپ خىتاب قىلدى.

براۋنبەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل تەن جازاسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىياسىي سىڭدۈرمىچىلىك قاتارلىقلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلاردۇر دېدى.

 برانبەك، ”ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ،“ دېدى ھەمدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى يېڭىدىن بېكىتىشكە ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا چېن چۈەنگوغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر يېڭى سىياسەت ياكى ئىبمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ بۇ سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمىدى، ئۇ ”دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىگە ئوخشاشلا، شىنجاڭمۇ ئوخشاش، مۇمكىن بولغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشقا دائىر مۇزاكىرىلەر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ،        بىز مۇزاكىرە قىلمايمىز“ دېدى.

لېكىن ئۇ، بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى ئاشكارا زىيارەت قىلىشنى تەلىپنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”مەن ئۇ يەرگە بېرىش پۇرسىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، پەقەت سىرتىدىن كۆرۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقى يىغىۋېلىش لاگىرىغا كىرىشنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەركىن زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.“

ئۇ يەنە خىتايدىكى خىرىستىئانلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

براۋنبەك ئامېرىكىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سۈپىتىدە 6- مارتتىن 13- مارتقىچە خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەنبەلەر: س ن ن، ئامېرىكا ئاۋازى

http://turkistantimes.com/uy/news-10289.html
Share
1614 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.