ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتاينىڭ شۇنچە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىشىگە پىسەنت قىلماستىن، جەنۇبىي كورېيەگە يۇقىرى ئېگىزلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىىسى «THAAD»نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېرەكلىك زېمىن ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى.
ئامېرىكا 3 ئاي ئىچىدە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدىن 300 كېلومېتىر يېراقلىققا، يۇقىرى ئېگىزلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىىسى «THAAD»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى پىلانلىماقتا. بۇ سىستېما ئارقىلىق شىمالىي كورېيە پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.
جەنۇبىي كورېيە بۇ خەۋەرنىڭ راس ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سېئۇلدىن 300 كېلومېتىر يىراقلىقتا، «Lotte Group» ناملىق بىر ھەسسىدارلىق شىركىتىگە تەۋە گولف توپ مەيدانىنىڭ پايتەختكە يېقىن جايدىكى ھەربىي زېمىن بەدىلىگە دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى تەستىقلانغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتتا، «Lotte Group» ناملىق ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭمۇ زېمىن ئالمۇشتۇرۇشقا ماقۇل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە «THAAD» يۇقىرى ئېگىزلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىنى قۇرۇپ بېرىش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ سىستېمىنىڭ كورېيە يېرىم ئارالىدىكى مۇقىمسىزلىقلارغا ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىغانلىقىنى بىلدۈرلدى.
گىڭ شۇاڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ» دېدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.