logo

trugen jacn

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانى: جوڭگۇ بىلەن قارشىلىشىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

361dbd08-fd24-49fa-8d72-877d01bc8e73_w987_r1_s-768x432

ۋاشىنگتون

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانى: جوڭگۇ بىلەن قارشىلىشىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانلىق باش شتابىنىڭ قوماندانى ھارري ب. ھاررىس مۇشۇ چارشەنبە كۈنى ئاۋۇسترالىيەدە ئەگەر جوڭگۇئ جەنۇبىي دەڭىز مەسىلىسىدە ئاۋازىنى چوڭايتىپ ھەددىدىن ئاشسا،جوڭگۇئو بىلەن قارلىشىشقا تەييار بىز دەپ ئوچۇق ئىپادە قىلدى.
جوڭگۇئو،تەبىئىى بايلىقى مول،ھەر يىلى 5 ترىللىئون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سودا ۋە ئەلىم-سېتىشنىڭ تۈگۈنلۈك يېرى بولغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى جوڭگۇ تەروتىرىيەسىگە تەۋەدۇر دەپ قارايدۇ؛شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپتىكى برۇنىي،مالايسىيا،فىلىپپىن،تەيىۋەن،ۋەتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئاۋازى بار.
ئامېرىكا، جوڭگۇنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دەن ھائاگنىڭ كېسىم سوتنىڭ ئېلان قىلغان ھۆكۈمىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.دەن ھائاگ كەسىم سوتى جوڭگۇئونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەروتىرىيەلىك ئاۋاز كۈچى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
ھارري ھاررىس قوماندان چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە سيدنەيدىكى “ لوۋي ئىنىستۇتى خەلقئارالىق سىياسەتلەر تەتقىقاتى“ داكى بىر قېتىملىق نۇتىقىدا ،دەن ھائاگ كەسىم سوتى قارارىدىن كېيىنمۇ،بېىجىڭ تەرەپ يەنە داۋاملىق تاۋاۋۇزچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ ھەرىكەتكە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھازىر دەپ بىلدۈردى.
ھاررىس يەنە،دونالد ترۇمپ ئامېرىكا’غا زوڭتوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ،ئامېرىكا’نىڭ ھىندى ئوكيان ۋە جەنۇبى دەڭىز تەۋەلىكىدىكى كېپىللىك مەجبۇرىيىتى ۋەدىسى داۋاملىشىدۇ،ترۇمپ ئۆزىمۇ جوڭگۇنىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى كېڭىيىشىگە قارشى دەپ ئېيتتى.
ھاررىس،“سىلەر ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئامېرىكىغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ،ئامېرىكا ھىند ئوكيان ۋە ئاسىيا پاسىفىك بۆلگەسىدىن ۋاز كەچتى دىگەندەك مەلۇماتلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،بۇ ئاشۇرۇپ خەۋەر قىلىندى. بۇ بۆلگە بولسا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر رايون“ دېدى.
يۇقىرىقى بۇ ئىپادىلەر جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددى مۇناسىۋەتنى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈردى،چۈنكى،ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى سايلانغان زوڭتوڭ ترۇمپنىڭ تەيىۋان زوڭتۇڭى ساي يىڭۋەننىڭ تەبرىك تەلەفونىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن جىددىيلىشىپ،بەېجىڭ تاشقى ئىشلىرىنىڭ دىپلوماتىك قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ئامەرىكىنىڭ تەخمىنىچە،ئاخىرقى 3 يىلدا،جوڭگۇ ئىشبۇ جەنۇبي دەڭىزدىكى 7 تاقىم ئاراللاردا 3200 گېكتاردىن ئارتۇق زېمىننى ئايدۇرۇم يولى ياساش،ئايرۇپىلان ئىسكىلاتى قۇرۇش،كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇش دېگەن سەۋەبلەر بىلەن كۆپەيتىۋالغان.

ھاررىس باش قۇماندان،ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 1-قېتىملىق ئۇرۇشى دېڭىز قاتنىشىنىڭ(ناۋىگاسيون ئەركىنلىگى) ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بولغان،بۇ ئامېرىكىنىڭ مۇقىم ئۇزۇن مۇددەتلىك پرىنسىپتۇر،ۋە بۇ بىزنىڭ بۈگۈن كىچە ئۇرۇش باشلاشقا ھازىر سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر دېدى
مەنبە:ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى خىتايچە

美太平洋司令:已准备好与中国抗衡

Share
1158 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.