logo

trugen jacn

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ATV نىڭ ۋاخان كارىدورى ھەققىدىكى خەۋىرى كۈلكىلىك

تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە يېقىن بولغان تېلېۋىزىيە قانىلى ATV نىڭ ۋاخان كارىدورى ھەققىدىكى خەۋىرى. 2019-يىلى 30-يانۋار. تۈركىيە.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 1‏-فېۋرال كۈنى رادىئومىزدا قىسقا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 30‏-يانۋار تارقاتقان ئامېرىكىنىڭ ۋاخان كارىدورىغا دائېش قوراللىق تېررورچىلىرىنى يۆتكىگەنلىكىگە دائىر خەۋىرىنى «كۈلكىلىك» دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا، تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خەۋىرىنى رەت قىلىپ، «بۇنداق قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈلكىلىك. ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستانلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئافغانىستاندىكى دائېش بىلەن ئاكتىپ ئۇرۇش قىلماقتا. شۇنداقلا ئۇلار دائېش ھەرقانداق يەردە ئوتتۇرىغا چىقسا ئۇنى يوقىتىشنى قەتئىي نىيەت قىلىدۇ» دېگەن.

تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە يېقىن بولغان تېلېۋىزىيە قانىلى ATV خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە غايىب بولغان 25 مىڭ دائېش قوراللىق تېررورچىلىرىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى بازىلىرىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگراسىدىكى «ۋاخان كارىدورى» غا يۆتكىگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ پىلانى دائېشنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا قارشى «شەرقىي تۈركىستان فرونتى» ئېچىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا دائېشنىڭ 1‏-نومۇرلۇق رەھبىرى ئەمىنۇللاھ ۋە شۇ قاتاردىكى يەنە 10 نەپەر دائېش كوماندىرىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە 200 مىليون دوللار تۆلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە، «دائېش قوراللىقلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتى چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى فورما كىيدۈرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ۋاخان كارىدورىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىشىدىكى نىشانى خىتاي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز 1‏-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سوئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ ATV نىڭ خەۋىرىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغان ئىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا قارىتا ھوشيار بولۇشىغا توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى جۈمە كۈنى ATV نىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوزىر ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر دەلىللەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر دەلىللەر بار. بۇ دەلىللەرنىڭ ئۆزى سۆزلەيدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ دەلىللەرنى قورال قىلىشى كېرەك. چۈنكى، دەلىللەرنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ بۇ رايوندا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي بىلەن سودا مەنپەئەتى ياكى باشقا مەنپەئەتى بولغان كىشىلەر ۋەزىيەتنى بۇرمىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار، بۇ خىل ئۇچۇرلارغا قارىشى تۇرۇشى كېرەك. بىرى قوپۇپ ئامېرىكا ۋاخان كارىدورىغا قوراللىقلارنى ئەۋەتتى، دېسە، دەلىلىڭ قېنى دەپ سورىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ بىر مىليون ئادىمىمىز يىغىۋېلىش لاگېرىدا، بۇ بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ 10 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، دېگەندە بىرى دەلىلىڭنى كۆرسەت دېسە، مەن ئۇنىڭغا نەق دەلىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ يولنى تەقىب قىلىشى كېرەك».

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاخان كارىدورىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش خىتايغا پايدىلىق ئىكەن. گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» رەئىسى ئۇلرېخ دېلىئۇس، خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلرېخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق بىر قوراللىق توقۇنۇش لاگېردىكىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. مېنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىم بۇ كىشىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرى. ئۇلار لاگېردىكىلەرنى بۇ يەردە داۋاملىق ياشىسۇن دەپ ئويلامدۇ ياكى ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىن قويۇلۇپ بېرىلىپ، نورمال شارائىتتا، خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ياشىشىنى ئويلامدۇ؟ خىتايغا نىسبەتەن چېگرادا پارتلىغان ھەر قانداق توقۇنۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتەلەيدۇ. لېكىن مەن يۇقىرىقى خەۋەردە ئېيتىلغاندەك يېقىن كەلگۈسىدە بۇ رايوندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلايدۇ، دەپ قارىمايمەن.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدىكى ATV دەك ھۆكۈمەتكە يېقىن تاراتقۇلارنىڭ بۇ خىل خەۋەرلەرنى تارقىتىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئىكەن. ئۇ، بۇ خىل خەۋەرلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇپ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىغا جامائەت پىكىر تەييارلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلرېخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن تۈرك سىياسەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇپ كەلدى. بىز دائىم قازاقىستان ھەققىدە توختالغاندا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەيمىز. بۇ ئىككىسى ئوخشاش ئەھۋال. تۈرك ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى ۋەزىيەتكە كۆز يۇمىدۇ؟. چۈنكى ئۇنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتى بار. ئۇلار خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئىستەيدۇ. لېكىن خىتاي تۈركىيە بولغان مۇناسىۋەتتە دائىم بەزى شەرتلەرنى قويىدۇ. بۇ شەرتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلاشماسلىقتۇر.»

لېكىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىكى ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ قارىشىچە، ATV نىڭ خەۋىرى بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان كىم؟، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان. ئۇ، بۇ يەردىكى ھۇجۇم نىشانى ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي ھۇجۇم نىشانىدەك تەسىرات پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېنرىي شاجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنداق كۈلكىلىك قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەتنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىڭىز سىزنىڭ دەلىلىڭىز بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، بىز بۇ يەردە كىم ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ؟، دېگەنگە قارايمىز. بۇ يەردىكى ھۇجۇم نىشانى لاگېردىكى كىشىلەر. ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردا بىر مىليوندەك ئادەم بۇ لاگېرلاردا ياتماقتا. بۇ پەۋقۇلئاددە زور سان. بۇ يەردە يەنە لاگېرلاردىكىلا ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىنماقتا. ئۈچىنچى، يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە كىم ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ، دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. لېكىن بۇ خەۋەردە خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىدەك تەسۋىرلەنگەن. بۇ نۇقتىدا مەزكۇر خەۋەر بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ مەيدانىنى ئەكس-ئەتتۈرگەندەك قىلىدۇ».

ATV نىڭ خەۋىرى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىر مۇخبىرى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلىرىغا ئىجابىي باھا بەرگەندىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى. ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئورگانلار خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر «ئىشەنچلىك دەلىللەر» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ATV نىڭ مۇخبىرى بۇنى «غەربنىڭ تەشۋىقاتى» دېگەن ئىدى.

Share
992 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.