logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىرى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» 13‏-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي برانستاتقا مەكتۇپ يېزىپ، تونۇلغان ئۇيغۇر ئىنسانشۇناسى، ئاتاقلىق تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەكتۇپتا باش ئەلچى برانستاتنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئۇنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.

10‏-ئاۋغۇست «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خەۋەر ئېلان قىلىپ، 52 ياشلىق راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدىن بېرى غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ غايىب بولۇشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەرگە «بېيجىڭغا بارىمەن» دەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ شۇ چېقىپ كەتكەنچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. خەۋەردە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇنى «مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راھىلە داۋۇت مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى، ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى، مازار تاۋابىتى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرى بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

«ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» ئۆزىنىڭ مەكتۇپىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ «ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھالىتىنى چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈش، بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى بەزى جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەرەپدارى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ بىر ئىنسانشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن «پەرقلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، خەلقلەرنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزەردىن ئۆز ساداسىنى چىقىرىشىغا يول ھازىرلاپ بېرىشتە ئۇزۇن ۋە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېدۋارد لېيبوۋ 16-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئېدۋارد لېيبوۋ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلمىي ئەركىنلىككە بولغان تەھدىتلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. راھىلەنىڭ ۋەقەسى ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر تونۇلغان تەتقىقاتچى. بىز ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇ بىزنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ۋە فوندىغا ئېرىشكەن. بىز بۇ يەردە بىر ئۇقۇشماسلىق بولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى سىياسەتتىن يىراق تېما. ئۇنىڭ خىزمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش (دوكۇمېنتلاشتۇرۇش)» ئىدى. سىزمۇ بىلگەندەك، ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان خىتايدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت. شۇڭا يۇقىرىدا مەن دېگەندەك بۇ ۋەقە بىزنى بەكمۇ بىئارام قىلدى.»

ئېدۋارد لېيبوۋ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى برانبستاتنى راھىلە داۋۇتنىڭ قەيەردە ’ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ۋە ئۇنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەكتۇپىمىزدا سەمىمىي تۈردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانستاتنى راھىلە داۋۇتنىڭ بىر پائالىيەتچى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ۋە ئۇنى قوغداشقا چاقىردۇق. بىز ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇ غايىب بولۇپ 8 ئايدىن كېيىن داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۇنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە ياكى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئاندىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. خەۋەردە «ئۇنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە مەدەنىيىتى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇلۇپ، شىددەتلىك بوغۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى پروفېسسورى شون روبېرتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەرقانداق بىر ئىلمىي سادانى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مەن نۇرغۇن جەھەتلەردە بۇنىڭ ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئەھۋالىنىڭ داۋامىدەك كۆرۈۋاتىمەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەرقانداق بىر جامائەت پىكىرىنى ياكى ئىلمىي پىكىرنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر خىتاي دۆلەت سىستېمىسىنى قوللىسىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەردە ئۇلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا بەزى پىكىرلەر بولىدۇ. لېكىن، بۇنىمۇ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىمەنىلىكتۇر. شۇڭا، ئىلمىي ساھەنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بار.»

پروفېسسور شون روبېرتسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ تەتقىقات ساھەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىگە پۈتۈنلەي مۇخالىپكەن. ئۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق دىنىي ئىپادىنى «ئاشقۇنلۇق»، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مەن پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن تونۇيمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم ئۇچراشقان. ئۇنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇقىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىددىيەتلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. مەن 2000‏-يىلنىڭ باشلىرىدىلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەتقىقات ساھەسىنى توختىتىشنى سۆزلەۋاتقانلىقى، چۈنكى دىن بىلەن مەدەنىيەتنى ئايرىش بەك مۈشكۈل دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ھالبۇكى، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ تەتقىقاتى ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك كەڭ تارقالغانلىقى، بۇنى ئاشقۇنلۇق بىلەن ئىپادىلەشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى، بىز ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەرقانداق دىنىي ئىپادىنى ئاشقۇنلۇق، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ تەتقىقاتى بۇنىڭغا پۈتۈنلەي مۇخالىپ ئىدى».

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى تۇرسۇن ئەپەندى، يۇقىرىقى ئامىل راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى دوكتور ئېدۋارد لېيبوۋ پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى راھىلە داۋۇتنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئېدۋارد لېيبوۋ مۇنداق دەيدۇ: «مەن باش ئەلچى برانستاتنىڭ بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى خىتاي مەسلەكداشلىرىغا يەتكۈزۈشىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بۇ سىياسىي پىلانى بولمىغان ۋە بولۇپ باقمىغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتچىسىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ يولى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ۋە بۇ راھىلە داۋۇتنىڭ جەمئىيەتتە قايتا پەيدا بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

راھىلە داۋۇت ئىنسانشۇناسلىق، ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى ، مازارچىلىق ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ «مازار تەتقىقات»ناملىق ئەسىرى بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ بىرى،دەپ قارىلىپ كەلگەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/rahile-dawut-08162018150043.html

Share
3105 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.