logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنېۋىرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئامېرىكا تارمىقى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىندىئاننا ئۇنېۋىرستېتى ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزۇلدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاساسى ۋەزىيەتنى ئۇنېۋىرسال ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىلمىي چۈشەنچىلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىشى، لاگىر مۇناسىۋەتلىك كونكىرىت مېساللار بىلەن چۇشەندۇرۇش ۋە بىر گۇۋاھچىنىڭ نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بىرىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بىرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى باش كاتىبى روشەن ئابباس خانىم خىتاي سياسىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرستىۋاتقان تەسرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاممىسى ۋە ھەدىسنىڭ يېقىندا ئۆزى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھىچقانداق رادىكاللىق ياكى خىتاي ئاتاپ كىلىۋاتقان جىنايەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى مسال قىلىپ، ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۇس يوقىتىشنى نشان قىلغانلىقىنى تەسرلىك مەزمۇنلار بىلەن بايان قىلدى.

ئۇ يەنە ۋاشنگىتوندىن بىللە كەلگەن فىرقەت جەۋدەتنى گۇۋاھچى سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلدى. فىرقەت ئۆز ھىكايسنى جانلىق سۆزلەپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. ئۇ سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچىلار كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن سۆز قىلىپ، ختتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسلىي تونۇشتۇردى.

ئىندىئانا ئۇنېۋىرسىتېتىدىن تىم گىروس خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كونكىرىت ئىپادىلىنىشى ھەققىدە تەپسلى توختالدى.

ۋاشىڭگىتون ئۇنېۋىرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دوكتور داررىن بايلىر ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان رىئاللىقنى ئۆزى بىۋاستە تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۆزى بىۋاستە تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يولۇققان تەقدىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى سياسەت تەتقىقاتچىسى پروفېسسور گودنىر بوۋىڭدۇنغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى.

پائالىيەتنىڭ روياپقا چېقىشىدا ئىندىئانا ئۇنېۋىرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىم ھەسسە قوشقان بولۇپ، تىلشۇناسلىق كەسپى دوكتور ئوقۇغۇچىسى مۇستاپا ئاقسۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

مۇھاكىمە يېغىنىغا ئىندىئاننا ئۇنېۋىرسىتېتىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگىرىغا قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلار، ئىندىئانا ئەتراپىدىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەمدە ۋاشىڭگىتوندىن ئالاھىدە يىغىن ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ تەخمىنەن يۈزگە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

ئەسكەرتىش: يىغىن خەۋىرىنى ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى 2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى تەييارلىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەتلەپ تەھرىرلىدى.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنېۋىرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

Share
1651 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.