logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت قانۇنىنى قوللىنىپ خىتاينىڭ سەزگۈر ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىمەكچى

پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتىنىڭ 20- ئاپرىل ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى «ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت قانۇنى»نى ئىشقا سېلىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئومۇمىيۈزلۈك چەكلەشنى ئويلاشماقتا
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى خېس تاربېرتنىڭ 19- ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «خەلقئارا جىددىي ھالەت ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»نىڭ ئىجرا مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بارماقتا. مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان سودىنى توختىتىپ قويۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىق كەڭ ۋە كۈچلۈك ھوقۇقلارنى بېرىدۇ. ترامپ بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ(ئۆزەك)، ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقىل، بەشىنچى ئەۋلاد (5G) كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىق سەزگۈر ساھەلىرىگە سالغان مەبلىغىنى ئومۇمىيۈزلۈك چەكلىيەلەيدۇ.
«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» بىر ئاي بۇرۇن، ئاقساراينىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇننى يولغا قويۇپ خىتاينىڭ سەزگۈر ساھەلەردە ئامېرىكىغا سالغان مەبلەغلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆتكۈر تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيادا يېتەكچى ئورۇننى ئىگەللىۋېلىشىغا توسقۇنلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. لېكىن، تاربېرت ترامپ ھۆكۈمىتىدە بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولدى.
ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن بىر قىسىم خىتاي مەبلەغلىرىنى چەكلىگەن،  شۇنداقلا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا مەبلەغ سېلىش پائالىيەت دائىرىسىنى چەكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. روڭدىڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، 2017- يىلى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان سودا سوممىسى 15 مىليارد دوللار بولغان بولۇپ، 2016- يىلىدىكى رېكورت ياراتقان 46 مىليارد دوللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتىتىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى ۋە سېتىۋېلىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. بۇ يىل 3- ئايدا، مەزكۇر ئورگان سىنگاپورغا جايلاشقان بوتوڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئۆزەك ياساش شىركىتى كۇۋالكومنى سېتىۋېلىشىنى رەت قىلدى. 1- ئايدا، بۇ ئورگان دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ مانى گرام(MoneyGram)نى سېتىۋېلىشىنى رەت قىلدى. ئۆتكەن يىلى 9- ئايدا، بۇ ئورگان ئوخشاش سەۋەب بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئامېرىكا ئۆزەك شىركىتى «لاتتىس يېرىم ئۆتكۈزگۈچ»نى سېتىۋېلىشىغا قارشى تۇردى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ قانۇن لايىھەسى تۈزۈۋتقان بولۇپ، ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىۋاستە سالغان مەبلەغلىرىنىمۇ قاپلايدۇ.
لېكىن، ترامپ ھۆكۈمىت يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان «خەلقئارا جىدىي ھالەت ئىقتىسادىي قانۇنى»نىڭ ھەيۋىسى چەتئەل مەبلىغى كومىتېتىنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر قانداق ساھەدىكى سېتىېلىش سودىسىغا ئارىلىشالايدۇ، مەيلى بۇ سودا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلسۇن ياكى چېتىلمىسۇن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20- ئاپرىلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدىكى مەبلىغىنى چەكلىشىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا سودا قورۇمىچىلىقى قىلىش» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، «يغىپ ئېيتقاندا، بۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ پەقەت مەنلا بولىمەن، سېنىڭ بولۇشىڭغا يول قويمايمەن، دەيدىغان زومىگەرلىك پىسخىكىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى» دېدى
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار تۆت كىشىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى چەكلىنىدىغان ساھەلەرنى تاللاپ چىقىش ئۈچۈن پىلان تۈزمەكتە.

 

http://turkistantimes.com/uy/news-2802.html

Share
1418 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.