logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى: «شىنجاڭ مەسىلىسى» تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەس، ئامېرىكا چوقۇم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك

ۋاشىنگتون – ئامېرىكا «2049 پىلانى ئىنستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرىنڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى مىللىي توقۇنۇش تېررورىزم كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى لازىم. دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بېسم چۈشۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى، ھەمدە خىتايدىن قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان خ ك پ ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

2008- يىلى قۇرۇلغان «2049 پىلانى ئىنستىتۇتى» ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاممىۋى سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

دوكلات: تېررورىزم ئىنىقلىمىسىنىڭ مۈجمەللىكى خ ك پ نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانىسى

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خ ك پ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا چوڭ تىپتىكى سىياسىي «قايتا تەربىيلەش» لاگېرلىرى قۇرۇپ، زور ساندا قوشۇمچە ساقچى ياللاپ ئىشلەتكەن، ھەمدە كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش تۈرىنى قانات يايدۇرغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2001- يىلىدىكى 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېرورىزمغا بولغان ئەندىشىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئۇزۇن يىللىق مىللىي زىددىيەتكە قايتىدىن تېررورلۇق مەسىلىسى دەپ ئېنىقلىما بېرىپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ب د ت بېكىتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسىمۇ، لېكىن – ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جار سېلىۋاتقىنىغا ئوخشىمايدۇ – شىنجاڭغا ئالاقىدار مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ش ت ئ ھ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

دوكلاتتا، خىتاي ش ت ئ ھ نىڭ تەسىرىنى مۇبالىغە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش»نى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان، دەپ قارالدى.

دوكلاتتا نۇرغۇن تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق ئاشكارە تەنقىد قىلىشقا چاقىرىش، ب د ت نىڭ بېيجىڭغا بېسىم چۈشۈرۈشى، قانۇنسىز ھالدا قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ھەمدە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىدە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېسىم چۈشۈرۈش ۋە ئىمبارگو يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىنىدىغان تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قۇرۇپ چىققان ئۇچۇر سېپىلى بىلەن شىنجاڭ خۇددى بىر يىگانە ئارالغا ئايلىنىپ قالغان.

شىنجاڭ باي ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان شاڭخەيلىك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا ئېيتىشىچە، شىنجاڭدىكى كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭغا «خىتايدا بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇشنىڭ مۇشەققىتىنى»نى ھېس قىلدۇرغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تورغا چىقىش، تىز يوللانما تاپشۇرىۋېلىش قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ، چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشقا قەدەر ئىچكىرىدىكى كىشىلەر ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىشلار شىنجاڭدا باشقا بىر ھالەتتە.»

شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، تىز يوللانما ئۆيگە ئەۋەتىلمەيدۇ، پەقەت مۇقىم پوچتىخانىلارغا ئەۋەتىلىدۇ، پوسۇلكىلارنى ئېلىشتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى بار، ھەتتا بارماق ئىزى ئېلىنىدۇ.

ئەمما، بۇ خىل ئۇچۇرلار قاتتىق قامال قىلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭغا ئوقۇتقۇچىلىققا بارغان باشقا بىر ئوقۇتقۇچى ئۈندىداردا دوستى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەسلى ئىدارىسى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

خىتايدىكى غايەت زور ۋە تالاش – تارتىشقا تولغان ئىجتىمائىي تەجرىبىخانا بولغان ئىجتىمائىي ئىشەنچ سىستېمىسى ئەڭ دەسلەپتە بۇ رايوندا سىناق قىلىنغان. «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ بۇ يىل 2- ئايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا دائىرىلەر ھەر بىر كىشىنىڭ مىللىتى، دىنى، پاسپورت ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى، قولغا ئېلىنغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش-تونۇشۇشماسلىقى قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، كىشىلەرگە ئومۇمىيۈزلۈك نومۇر قويىدۇ، «بىخەتەر ئەمەس» دەپ باھالانغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا قولغا ئېلىنىپ «قايتا تەربىيلەش» ئېلىپ بېرىلىشىمۇ مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى بىر قىسىم شىركەتلەرگە چەكسىز سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

بېيجىڭغا جايلاشقان شېنجيەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ بىر ئىنژىنىرىنىڭ رادىئويىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن بەرگەن زاكاسلىرى شىركەتنىڭ غايەت زور كىرىم مەنبەسى ئىكەن، يەنە كېلىپ «بازاردىكى يۈز تونۇش ۋە نازارەت سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنىڭ ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىكەن.»

مەزكۇر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۆلەت ئىچىدىكى بىر تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىركەتنىڭ ئامانلىق ساقلاشقا ئائىت نەچچە ئون مىليونلۇق تالونىنىڭ بارلىقىنى، ئاساسلىق مۇلازىمىتى بولغان ئامانلىق ساقلاش ۋە سانلىق – مەلۇماتنىڭ نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن 6:1 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يەنە بىر باشلامچى كارخانا خەيكاڭ ۋېيشى مەخسۇس شىنجاڭ مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2017- يىلىلا، مەزكۇر شىركەت شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىغان.

خەيكاڭ شىۋېي يېقىندا بىر تېخنىكا يىغىنىدا ئارقا سۇپا ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقى-تۇرقۇنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى كۆرگەزمە قىلدى

http://turkistantimes.com/uy/news-3095.html

Share
1806 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.