logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر لېيتىنانتى ئىلغار ئوفىتسېر بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇيغۇر لېيتىنانتى 10‏-ماي ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياش ئىلغار ئوفىتسېرى بولۇپ باھالىنىپ، تەقدىرلەندى.

شەپقەت غەيرەت توختى 2013‏-يىلى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن 4 يىللىق «ئامېرىكا ئوفىتسېر تەربىيەلەش پروگراممىسى» نى بىرلا ۋاقىتتا تاماملاپ، 2017‏-يىلى 5‏-ئايدا، 2-دەرىجىلىك لېيتىنانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى 6-ئايدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ئىدى.

فورت بەننىڭ ھەربىي بازىسى 10‏-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەپقەت توختى ھەققىدە ئېلان قىلغان تونۇشتۇرۇشىدا، «بىز ئامېرىكا ئارمىيەسى سېپىدىكى ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلارنى ۋە تىنچ ئوكيانلىقلارنىڭ تۆھپىلىرى ھەم بەرگەن قۇربانلىرىنى ئەسلەيمىز ۋە تەبرىكلەيمىز. شۇلارنىڭ بىرى بولغان 2‏-دەرىجىلىك لېيتىنانت شەپقەت غەيرەت توختى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىدۇ. شەپقەت توختى يېقىندا، ‹ئامېرىكا ئارمىيەسى تانكىچىلار مەكتىپى› نى تاماملاپ، ھازىر ‹زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپى› گە بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.» دېيىلگەن.

فورت بەننىڭ ھەربىي بازىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا شەپقەت توختىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ: «مەن جەمئىيىتىم ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەنئەنەمگە ۋەكىللىك قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن بۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەربىي مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن.

ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدىكى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچىدە لېيتىنانتلىق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ئىلغار ئوفىتسېر، دەپ باھالانغان تۇنجى ئۇيغۇردۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتىشى 1950‏-يىللاردىن باشلىنىدۇ. پودپولكوۋنىك داۋۇت رىشات ئوسمان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-70-يىللىرى ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا تەرجىمان ۋە ئىستىخبارات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1998‏-يىلى ۋاپات بولغان ئىدى. لېيتىنانت شەپقەت توختى 5 يېرىم ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.

Share
1753 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.