logo

trugen jacn

ئامېرىكانىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: ‏ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا قېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز

ABD bayrağı ile ilgili görsel sonucu

ئامېرىكانىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تۋېتىر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىنلىقلارنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشۇشىنى ئۈمىد قىلغان. 

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى يەنى 4‏-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ھەمبەھر ئامېرىكا» ناملىق رەسمىي تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىنى كۆچۈرۈپ باسقان. «خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنى مۇمكىنسىز تاللاشقا زورلىماقتا‏» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالە بۇ يىل 3‏-ئايدا ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ماقالىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە چوشقا گۆشى تارقىتىپ، ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. 

فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ھەر بىرىڭلارنىڭ روزا ھېيتىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالاشقا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمان ئائىلىلەردە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز».

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە، بايانات ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇ خىل ئۇچۇر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنى غەيرىي مۇسۇلمانلارنى ياكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/filippin-uyghur-06052019165820.html
Share
1226 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.