logo

trugen jacn

ئامېركا پارلامېنت ئەزالىرى پروفېسور ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتمەكچى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

26-ئۆكتەبىر ئامېركا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى(CECC) تىۋېتتېر ئىجتىمائى ئالاقىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ پروفېسور ئىلھام توختىنىڭ 25- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە سالدى. ھەمدە خىتاي رىجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئۇلار مۇنداق دېدى: « تۆنۈگۈن 49 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى «بۆلگۈنچى» دىگەن ئەيبلەش بىلەن  خىتاي تۈرمىسىدە ھازىرغىچە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتىمەكتە. ئىلھام توختى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ تۆھپە قوشقان، ھەمدە خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقە تۈكىستان-ت)دىكى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.  خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى كېرەك. »

CECC يەنە مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىندا كەلگەن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، رەئىسلەر(كىرىس سمىس ۋە ماركو رۇبىئو) ئىلھام توختىنى 2019-يىللق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.»

Share
22573 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.