logo

trugen jacn

ئامانلىق مۇدىرى: مەمەتتۇرسۇن ھاجى تاراۋا نامىزىنى كەم ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەردىكى بىر پايلاقچىنىڭ «تەربىيە» لەشتىكىلەر ھەققىدە پاش قىلغانلىرى -2

قەشقەردە ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر تونۇلغان سودا-كارخانىچى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، تۇتقۇنلاردىن «ئەزىز دىيار سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى مەمەتتۇرسۇن ھاجىنىڭ تاراۋا نامىزىنى كەم ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن؛ «ئەمىن سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى غېنى ھاجىنىڭ نەزىر يېمىگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز مەزكۇر 4 نەپەر سودا-كارخانىچىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلار تەۋە بولغان ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى ئەھۋال ھەققىدە شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما 4 نەپەر سودىگەرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. قەشقەردىكى چاسا باشقارمىسى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئابدۇجېلىل ھاجىم دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ كەڭرىلىكى سەۋەبلىك تۇتۇلغان بولسا، غېنى ئىمىن بىلەن مەمەتتۇرسۇن ھاجىم، «دىنىي ئەسەبىيلىك» باھانىسى بىلەن تۇتۇلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «ئەزىز دىيار سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى مەمەتتۇرسۇن ھاجى ئالدىنقى يىلى رامىزان مەزگىلىدە تاراۋىنى كەم ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى تۇغۇلغان. «ئەمىن سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى غېنى ئەمىن نەزىر يېمىگەنلىكى ئۈچۈن دىققەت تارتقان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى تۇتقۇن قىلىشتا ساقچىلارغا قارىغاندا پايلاقچىلاردىن كۆپرەك پايدىلانغان. قەشقەر ساقچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىك پايلاقچىسى، چاسا باشقارمىسىدىكى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئۆزىلا 50 كە يېقىن گۇمانلىق كىشى ئۈستىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يىپ ئۇچى بەرگەن كىشىلەردىن 8 نەپىرى سودىگەر بولۇپ، ئۇلار قەنت-ناۋات سودىگىرى رىشات ھاجى، ئەفەندى شىركىتىنىڭ ساھىنى تاھىر ھاجى، ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىگىرى ساۋۇت مەمەت قاتارلىقلاردۇر. ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئىككى ئاسىيا بازىرى، مەركىزى مەسچىت ئەتراپى ۋە توي-تۆكۈنلەردىن ئۇچۇر توپلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان مەزكۇر پايلاقچى، ئۆزى پاش قىلغان 50 كىشىدىن 30 چە كىشىنىڭ نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ ئالدى 12 يىل كەينى 5 يىل كېسىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ پايلاقچى يەنى كۆرسەتكەن بۇ خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر مۇكاپات ئالمىغانلىقى، ئەمما خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئايدا 300-500 يۈەن ئارىسىدا مائاش ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەشقەردە نۆۋەتتە قانچىلىك كىشىنىڭ پايلاقچىلىق خىزمىتىگە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما 4 نەپەر سودىگەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەرگەن، قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بىر ئاڭلىغۇچىمىز، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قانۇنسىز ۋە غەيرىي ئىنسانىي ئىجرائاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قورال كۈچىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقىي تەبىئىتى ئاجىز ياكى نورمالسىز ئىنسانلاردىنمۇ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/tutqun-karxanichi-01082018163530.html

Share
2545 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.