logo

trugen jacn

ئامانلىق مۇدىرى: «دولقۇن ھاشارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى بوش قويماسلىق، قانۇنسىز ئىشلاردىن توسۇش

1114466136_14250901498381n

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0529-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە بۇ يىل 1 – ئايدىن باشلانغان ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان، قاچان ئاخىرىلىشىدىغانلىقى ھەم مەلۇم بولمىغان دولقۇن ھاشارنىڭ سەۋەبى مۇخبىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئۆزىنىڭ يۇلتۇزباغ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئېچىلغان يىغىندا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، دولقۇن ھاشارنىڭ كىشىلەرنى بوش قويماسلىق ۋە بوش ۋاقىتلىرىدا توپلىشىپ قالايمىقان ۋە قانۇنسىز ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. ئۇ سۆزىدە دولقۇن ھاشارنىڭ ھەرگىز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، دولقۇن ھاشار، بۇلتۇر 22 – ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدىن 6 ئاي كېيىن باشلانغان. خىتاي قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنى باشلىغاندىن كېيىنمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئاز دېگەندە 20 مەيدان قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولغانلىرى 8 نەپەر پىدائىينىڭ 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر ھۆددىگەرنى ئائىلىسى بويىچە بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، باي ناھيىسىدە يۈز بەرگەن ئۆي تەكشۈرگىلى كىرگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلار. مانا بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەنمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئۇيغۇر خەلقىنى، ھاشارغا مەجبۇرلاش ئارقىلىق تىنجىتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. توقسۇدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ھاشارغا دولقۇن ھاشار دەپ نام بېرىلىشىمۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقى پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hashar-05292015233034.html

Share
1569 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.