logo

trugen jacn

ئالىي مەكتەپ ساھەسىدە «ئىككى يۈزلىمىلىك»كە قارشى پائالىيەت يەنە ئەۋج ئالماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مەكتەپ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى باراتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىش قەسەمياد يىغىنى» غا قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق قەسەمياد يىغىنى 10-مايدا چاقىرىلغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» نىڭ داۋامى دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش» خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ئەبەدىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى جايلاردا تەتىل ئۈچۈن يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى قەسەمياد يىغىنلىرىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىش، ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرگە قارشى باتۇرانە جەڭ ئېلان قىلىش» تېمىسىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە مەجبۇرلانماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ikki-yuzlime-07182017144320.html

Share
1057 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.