logo

trugen jacn

ئاللا خار قىلمىغاننى بەندە خار قىلالمايدۇ

 

ئاپتورى : كاسسىنى

بىر يۇتۇم مۇلاھىزە

خەلقارا ئىنتەرپولنىڭ باشلىغى مەڭ خوڭ ۋەي ئۆتكەن ھەپتە يۈتۈپ كەتتى. ئارىدىن بىرقانچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى خىتاينىڭ قولغا ئالغانلىغىدىن خەۋەردار بولدۇق. خەلقارالىق ئەڭ چوڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىغىنى خىتاي قولغا ئالالىغىدەك ۋە بىرقانچە كۈنلەرگىچە ئۇنىڭ ئىز دېرىگىنى بەرمىگىدەك دەرىجىدە يوغىناپ كەتتى. مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقارا ئىنتەرپولدىكى تۇتۇش بۇيرىغىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن دىگەن پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويماقتا. بىر گەۋدە، ئايىغىنىڭ چەمى چۈشۈپ قالغىدەك دەرىجىدە ھېلى ياۋرۇپا بىرلىگى، ھېلى جەنۋە، ھېلى نەۋيورك ھېلى ئاقسارايغا جەنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ قاتراۋاتىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن يىللىرىمىزدا، بۇ گەۋدىنى خىتاينىڭ تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇزاتقانلىغىغا، گەۋدىنىڭ،خىتاينىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كېتىشكە تاس-تاماس قالغانلىغىغا، بدت يىغىنىدىن چىقىرۋەتىلگەنلىگىگە، ئۇنى تەرورچى دەپ دۇنيا سەھنىلىرىدە دۇمبالاشقا ھەركەت قىلغانلىغىغا شاھىت بولدۇق.شۇنداق، دۈشمىنىمىز بەك كۈچلۈك، دۈشمەن ئالدىدا بۇ گەۋدە بىلەن مەڭخوڭۋېينى سېلىشتۇرغاندا، گەۋدە بىر چۈمۈلىنىڭ قانىتىدەك. ئەلبەتتە ئاللانىڭ بىزگە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەننى بەرگەنلىگىگە ھەمدۇ سانالار ئېيتايلى،  چۈنكى كۈنلەر كېلىپ بىز بۇ دۈشمەننى يېڭىپ مۇستەققىل بولغان ۋاختىمىزدا، باشلىرىمىز مەغرۇرلۇقتىن كۆكلەرگە تاقاشسۇن.گەۋدە دۇنياغا ھۆكۈرەۋاتقان دۈشمەن ئالدىدا مەغرۇر ۋە قەيسەر ئىدى.گەۋدىگە ئەڭ ئېغىر زەربە ئۆزىمىزدىن كەلدى. تۆھمەتلەر، ھاقارەتلەر…..خۇددى بۈركۈت ئۆز پېيىدە ياسالغان ئوقيادا ئۇرۇلغاندەك، گەۋدىنىڭ ئۈستىگە يېغىشقا باشلىدى. ئەڭ ئېغىر كەلگەن بىر ئوقيانىڭ ئىسمى خاىن، جاسۇس، كومۇنىستنىڭ بالىسى ناملىق ئوقيا ئىدى.

ھەق –ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى، ۋەتىنى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقىرىش يولىدا كۈرەش قىلغانلارنى ئاللا خار قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئېنىق ئايەتلەر بار. مەسىلەن يۈسۈپ ئەلەيكىسالام باشقا بىرسى تەرىپىدىن ئەمەس،  بەلكى ئۆزىنىڭ قۇۋمى قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەن ئىدى.ئاللا ئۇنى خار قىلمىدى. يۈسۈپ ئەلەيكىسالامنى قۇدۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ مىسىرغا ۋالى قىلدى. يۇنۇس ئەلەيكىسالامنى بېلىقنىڭ قارنىدىن، ئەييۇپ ئەلەيكىسالامنى چىللە-باسقان يارىلاردىن، مۇسا ئەلەيكىسالامنى پىرەۋىن قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك قوغلاپ كەلىشىدىن قۇتقۇزغان قىزىل دەڭىزنى ئىككىگە يەرىپ پىرەۋىننى ھالاك قىلغان ئاللا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك داۋاسى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى چېكىۋاتقان بۇ گەۋدىنى ئۆزى قوغدايدۇ ئەلبەتتە.
بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقارالىق يىغىنلىرىدا، خىتاي بىلەن يۈزمۇ- يۈز قارشىلىشىپ تۇرغان ئامېركا، گىرمانىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەر پەقەت بىر كىشى ئۈچۈن تېرورچى ئەمەس دەپ ئاقلاشنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى ساەتلەرچە قىلدى. بۇ كىشى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن خەلقارا تەشكىلاتلارغا تولا قاتراپ ئايىغىنىڭ چەمى تېشىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئاشۇ  گەۋدە ئىدى. ئۇنى يەنە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىگە يېزىشقا تەگىشلىك بىر پەۋقۇلئاددە ئىش، ئاللانىڭ قەدىرلىشى بىلەن قارشىلىدى. ئاق ساراي بۇ گەۋدىنى تۇيۇقسىز چاقىرتىپ ئۇيغۇ مەسىلىسى ھەققىدە جىددى سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. بۇ بىر ئىنساننى ئاللا خار قىلمىسا بەندىلەرنىڭ خار قىلالمايدىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشى ئىدى.

ئەبۇد دەردا رادىياللاھۇ ئانھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسام مۇنداق دىگەن ئىدى: كىمكى بىر ئىلىم ئۈگۈنۈش مەخسىدىدە يولغا چىقسا، بۇ ئاللاھنىڭ  ئۇنى جەننەتكە تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ بىرىگە باشلىغانلىغىدىن ئىبارەتتۇر. پەرىشتىلەر، ئىلىم ئۈگۈنۈش ئارزۇسىدا يولغا چىققان كىشىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، قاناتلىرىنى كەرىپ، ئۇ كىشىنى قاناتلىرى ئاستىغا ئالىدۇ. كۆكتە ۋە يەر يۈزىدە بولغانلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ ئالىم ئۈچۈن
ھەمدۇ –سانا ئېيتىدۇ. ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرمايدۇ . ئەمما ئىلىم مىراس قالدۇرىدۇ. كىمكى ئىلىم ئۈگەنسە ، زور بايلىققا ئىگە بولالايدۇ .

ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. بۇ ئاللانىڭ كالامى، بەندىنىڭ ئەمەس. ئۇنداقتا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئالىملاردىن ئۇيغۇرلاردا قانچىسى بار؟ ئامەركىنىڭ بىر قانچە پاتىنىت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ناسا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئالغان مۇكاپاتلىرى ئۆزى ئىشلەۋاتقان يىللار سانىنى قاتلىۋەتكەن، ھازىرقى زامان تەخنىكىسىنىڭ ئەڭ چوققىسى ھېساپلانغان ناسا تەرىپىدىن چىقىدىغان مەخسۇس جورناللاردا يۈزدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان، مىللىتى ۋە خەلقىنى بولۇپمۇ ياشلارنى ئىلىم يولىغا يېتەكلەشتە تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان، مەسلىھەت بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى ھەققىدە توختىماي ماقالە ۋە كىتاپلار يېزىپ سۇنۇۋاتقان بىر كىشى، مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان ئاللاھ خار قىلمايدىغان يەنە بىر گەۋدە. ئۇيغۇر داۋاسى مانا مۇشۇنداق پەيغەمبەر ۋارسلىرىنى قەدىرلەپ ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مۇددەتچە ئىلگىرى باسالمايدۇ.

بۇ گەۋدە بىر كۈن 24 ساەت ۋاختىنى قانداق يېتىشتۈرىدىغاندۇ؟ ھەممە كىشى ھەيران. 8 ساەت نورمال خىزمەت ئىشلەيدۇ يەنە. شۇنداق ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسىنى ئېغىزدا، قۇرۇق شواردا ئەمەس قەلبىدە يۈرىگىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەر ۋاقتلىرىنىڭ مىنۇت سىكىنۇتلىرىنىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدۇ.
بۇ گەۋدە ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇملار، رەھىمسىز جازا لىگىرلىرى ۋە بۇ زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە، تىنەپ تەمتىرەۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى خەلقىگە يول كۆرسۈتۈش مەخسىدىدە، سىياسى ساھەدە كۆرۈلۈشكە باشلىۋىدى، ياتتىن ئەمەس ئۆزدىن كەلگەن ئوقيالار بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. يەنە بىر قېتىم بۈركۈت ئۆز پېيىدە ياسالغان ئوقيا بىلەن ئۇرۇلغىنىغا ئوخشاش. خاىن، ئاپتونومىيەچى، مۇستەققىللىق دىمەيدىكەن دىگەن تۆھمەتلەردىن ياسالغان تاشلارنى، ئۇششاق بالىلار ئانىسىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئالىمغا ئېتىشقا باشلىدى. بەلكىم ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىنچە، پەرىشتىلەرنىڭ كەڭرى يېيىلغان قاناتلىرى بىلەن، بۇ پەيغەمبەر ۋارىسى مىسالى ئالىمنى قانات ئاستىغا ئالىدىغانلىغىنى بىلمىسە كەرەك.

يېقىندا ئامېركىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرى بىلەن، لوس ئانجىلىس شەھرى ئوتتۇرسىدا تۆۋەندىكىدەك بىر تېلىفۇن دىالوگى بولۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر يىگىت: ئاكا د س دا بولىدىغان 2 مەيدان لىكسىيەرىڭىز ئۈچۈن ئايرۇپىلان بېلىتىڭىزنى بۈگۈن ئالماقچىمەن
ئالىم: ياق ئۇكام ئۇنداق قىلماڭ، ئۆزەم ئالىمەن.
ئۇيغۇر يىگىت: ئۇچۇش ۋاختىڭىز سەل ئۇزۇن، شۇڭا ئادەتتىكى ئورۇندۇق ئەمەس، كارۋاتلىق ئورۇندۇق زاكاس قىلماقچىمەن.
يۇقۇردىكى بۇ قىسقا دىالوگ، ئاللانىڭ ئالىمنى خار قىلمايدىغانلىغىنىڭ ئاددى ۋە كىچىككىنە بىر مىسالى.

يۇقۇردىكى بۇ قىسقا دىالوگ، ئاللانىڭ ئالىمنى خار قىلمايدىغانلىغىنىڭ ئاددى ۋە كىچىككىنە بىر مىسالى.

1-گەۋدە ئۇرۇلغان ئوقيالار غا پەرۋاسىز، دۇنيا سىياسى سەھنىسىنىڭ دەرۋازىسىنى چېكىش بىلەن ئاۋارە 2-گەۋدە سىياسى ۋە ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەش، مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش يولى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىنى فەتىھ قىلىش، ئىلىم نۇرى سېلىش، مەسلىھەت بېرىش، پلان تۈزۈش، يول كۆرسۈتۈش بىلەن ئاۋارە. بۇنداق گەۋدىلەرگە مىللىتىمىز ۋە مۇقەددەس داۋايىمىز تولىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇنداق گەۋدىلەرنى ئاللا خار قىلمىغان مۇددەت ئىچىدە بەندىلەر كانايلىرىنى كېرىپ ئاۋارە بولمىسۇنكى، خار قىلالمايدۇ.

Share
1858 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.