logo

trugen jacn

ئالدىنقى 11 ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ:

2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 2 مىليون 796 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %103.61ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 736 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، %62.1نى ئىگىلىگەن.

بۇ يىل 11- ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە جەمئىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 82 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللىك يۆتكىدى، 75 مىڭ كىشى ئالتە ئايدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92كە يەتتى.

11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 25 مىڭ 378 كىشىنى تولۇق ئىشتات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كارخانىلارغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل 7- ئايدا، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى يىكەنكۆل كەنتىدىكى ئامىنەم ئابلىمىت كەنتتىكى 15 نەپەر كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە تىل، ماھارەت جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، چىڭداۋدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىدى،

 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان
http://uy.ts.cn/system/2018/12/27/035512895.shtml
Share
1267 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.