logo

trugen jacn

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتجان توختىنىياز باي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن

 

بايدا كۆمۈركان ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئارىدىن 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا مەمەتجان توخنىياز ئىسىملىك بىر يوقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان توختىنىياز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، بايدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تەڭرىتاغ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىياز يەرلىك چارۋىچىلارنى يول باشلىتىپ گۇماندارلار يوشۇرۇنغان بىر تاغ ئۆڭكۈرىنى تاپقان. خەۋەردە ئۇ گۇماندارلارغا قورال تاشلاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆڭكۈردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ مەمەت توختىنىيازغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ۋە بالا-چاقىلىرىدىن ھال سورىغانلىقى مەلۇم

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/komurkan-hujum-12142015160140.html

Share
1311 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.