logo

trugen jacn

ئاقسۇ ۋىلايىتى تەتىلگە قايتقان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كوللېكتىپ قەسەم قىلدۇرغان

 

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دائىرىلەر 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ يىللىق يازلىق تەتىل ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى توپلاپ، خىتاي دۆلەت بايرىقى ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىن خىتاينىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوملار ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان 10 مىڭلىغان ئوقۇغۇچى شۇ كۈنى «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ۋەتەن ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن،» دەپ قەسەم ئىچكۈزۈلگەن.

قەسەمياد يىغىنىدىن كېيىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىدىن بولىمىز» دېگەن لوزۇنكىغا ئىمزا قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان.

شۇ كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 8 ناھىيە، بىر شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەتىللىك ئارامى بۇزۇلغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/oqughuchi-qesem-07032017140442.html

Share
837 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.