logo

trugen jacn

ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزا توپاقارال كەنت مەسئۇللىرى بەلگىلىمىگە قارىماي قانۇنسىز جەرىمانە قويغان

46e405d0-c796-4a2d-b9a5-ce49eba2fd1b

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ئاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ يېڭى نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئېلىشتا جەرىمانە قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. بۇرۇن 3 بالىدىن ئارتۇق بالا تۇغۇلغانلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن ئايدىن تارتىپ تۇغۇلۇپ بولغان بالىلارنىڭ ئەگەر كلېنىكىلىق تۇغۇلۇش ئىسپاتى بولسا، ئاتا – ئانىسىنىڭ توي خېتىنى ئېلىپ ساقچىخانا نوپۇس كۆزنەك بىر تەرەپ قىلىش ئورنىغا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ دەپ بەلگىلىمە چىقارغان.

ئەمما ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزا توپاقارال كەنت بۇ قارارغا قارىماستىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويغان. بىر يېزىدىن 80 ئەتراپىدا ئائىلەدىن 5 مىڭ سومدىن 50 مىڭ سومغىچە جەرىمانە يىغقان.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزا توپاقارال كەنتنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى يۈسۈپ مەمەت ئەپەندى ۋە جەرىمانە تۆلىگەن تۇرغۇنجان تۇرسۇن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تۇرغۇنجان تۇرسۇن ناملىق بىر دېھقان ئۆزىنىڭ 8000 سوم جەرىمانە تۆلىگەنلىكىنى، 80 ئەتراپىدا ئائىلىنىڭ 5000 سومدىن 8000 سومغىچە جەرىمانە تۆلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

يېزىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈپ مەمەت ئەپەندى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ بېسىمى بىلەن خەلقتىن جەرىمانە پۇل يىغقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق بالىلارغا جەرىمانە قويۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-tughut-siyasiti-06222015201004.html

Share
1334 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.