logo

trugen jacn

ئاقسۇ شەھىرىدە 5‏-دېكابىر جۈمە نامىزىدىن چىققان 11 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

image

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 5‏-دېكابىر ئاقسۇ شەھىرىدە چوڭ بازار ئالدىدىكى مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇپ قايتقان 11 ئۇيغۇرنى گۇمانلىق «دىنىي ئاشقۇن» دەپ تۇتقۇن قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىغان «دىنىي ئاشقۇنلۇققا» زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، شۇ كۈنى خىتاي بازار باشقۇرۇش ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىتابخانا، كومپيۇتېر، تېلېفون، ئۈن، سىن ۋە ۋە باشقا ئالاقە ئەسۋابلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلاردا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دىنىي ئاشقۇنلۇققا» ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا چىقارغان دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئاقسۇدا جۈمە نامىزىدىن قايتقان 11 ئۇيغۇرنى «گۇمانلىق» دەپ تۇتۇپ كەتكەندەك «خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان كىشى» نى تۇتقۇن قىلىشىغا قانۇنى دەستەك يارىتىپ بېرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى قانلىق ۋەقەلەرنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلار، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى «خالىغانچە باستۇرۇپ كىرىش، خالىغانچە ئادەمنى تۇتۇش» نى توختاتمىسا، قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-12052014162159.html

Share
935 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.