logo

trugen jacn

ئاقسۇ شەھىرىدە دائىرىلەر رامىزان باشلانغان كۈنى مەرىكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ھاراق ئىچىشكە ئورۇنلاشتۇرغان

84665

يەرلىك دائىرىلەر رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئۇدا چاي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ھاراق قۇيغان. خوتەن ناھىيەسىسدە رامىزاننىڭ 3‏-كۈنى ئۇيغۇر كادىرلارغا زىياپەت بېرىلىپ، خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى كۈتۈۋېلىنغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ پائالىيەتلەر ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى سىناش، ئۇلارنىڭ دىنىي تىندىنسىيەسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتتى.

«ئاقسۇ خەۋەرلەر» تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى چاي زىياپىتى رامىزاننىڭ 1‏- ۋە 2‏-كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رامىزاننىڭ 1‏-كۈنىدىكى پائالىيەتكە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن 500 دەك ياشانغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، مەرىكىدە ئۇلار ھاراق تەملىرىنى تېتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ خىل پائالىيەت يەنە خوتەن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رامىزاننىڭ 3‏-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىگە چۈشكەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزى چۈشكەن يېزىدا چاي زىياپىتى ئۆتكۆزۆپ، خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىنى كۈتۈۋالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر رامىزاندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-ramizan-06152016163837.html

Share
1629 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.