logo

trugen jacn

ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇئاۋىن باشلىقى توقۇنۇشتا ئۆلدى

7247343821cinuygur

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن (يەكشەنبە) ئۇچۇر تارقىتىپ، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى» غا باستۇرۇپ كېرىش جەريانىدا «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى» نى خەۋەر قىلغان.خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» نىڭ شەنبە كۈنى كېچىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، ئۆلتۈرۈلگەن مەزكۇر كىشىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. خەۋەردە، مەزكۇر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئىسمى، ۋەقەنىڭ قاچان، قەيەردە – قانداق يۈز بەرگەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاقسۇدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.گېزىت پەقەت «ئۇ، تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان پادىچىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىنى قەھرىمانلارچە قۇربان قىلدى» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.

خەۋەردە يەنە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جىيەنجۇنىڭ مەزكۇر ساقچى باشلىقىنىڭ ئايالىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالەتتىكى كۈرەش قىلىش رۇھىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېنتەبىر ئېيىدا ئاقسۇدىكى بىر كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 نەپىرى ساقچى بولۇپ كەم دېگەندىمۇ 16 ئادەم ئۆلگەن، كېيىنچە، خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمغا ئىشتىراك قىلغان 28 كىشىنى ئۆلتۈرگەنىكەن.

خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جىيەنجۇ ئىلگىرى بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى توسۇپ قېلىشتىكى غەلىبىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى، «تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ %98 دىن كۆپرەكىنى تەييارلىق باسقۇچىدىلا توسۇپ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقى» نى ئېيتقانىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2015/12/13/%D8%A6%D8%A7%D9%82%D8%B3%DB%87-%D8%B3%D8%A7%D9%82%DA%86%D9%89-%D8%A6%D9%89%D8%AF%D8%A7%D8%B1%D9%89%D8%B3%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1-%D9%85%DB%87%D8%A6%D8%A7%DB%8B%D9%89%D9%86-%D8%A8%D8%A7%D8%B4%D9%84%D9%89%D9%82%D9%89-%D8%AA%D9%88%D9%82%DB%87%D9%86%DB%87%D8%B4%D8%AA%D8%A7-%D8%A6%DB%86%D9%84%D8%AF%D9%89-420906
Share
1231 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.