logo

trugen jacn

ئاقسۇ بايدا 10 مىڭچە ئادەمنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، 50 مىڭچە ئادەمنىڭ گۇماندارلارنى ئىزدەشكە قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇ بايغا بارغان چەتئەل مۇخبىرلىرى خەۋەرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن تېرەك بازارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باي ناھىيىسى تەۋەلىكىدە ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، ئەتراپنىڭ چارلىغۇچى ۋە نۆۋەتچىلەر بىلەن تولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن بايدا نۆۋەتتە قوغداش ۋە چارلاشتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. كانچى يېزا 1-كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆمۈركان ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان مەزكۇر كەنتتە 120 كىشى، كەنتنىڭ ئىشخانا، مەسچىت ۋە مەكتەپلەردە قوغداش خىزمىتى بىلەن نۆۋەتتە تۇرماقتا. كەنت بويىچە 150دىن ئارتۇق، كىشى تاغ باغرى ۋە يېزا تەۋەلىكىدە داۋام قىلىۋاتقان چارلاشقا قاتناشماقتا.

ئېنسىكلوپىدىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا باي ناھىيىسى 14 يېزا-بازاردىن تەشكىللەنگەن؛ ھەر بىر يېزا-بازار 15 ئەتراپىدا كەنت ۋە مەيداندىن تەشكىللەنگەن. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا باي ناھىيىسىدە 250 دىن ئارتۇق كەنت ۋە مەيداندا بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا نۆۋەتتە باي ناھىيىسى بويىچە جەمئىي 10 مىڭچە كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، 50 مىڭچە كىشىنىڭ چارلاشقا قاتنىشىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10222015150447.html

Share
1246 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.