logo

trugen jacn

ئاقسۇ ئايكۆلدە بىر ھەپتىدە تۇتقۇن جەريانىدا ئېتىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى 3كە يەتتى

263b373d-b4cf-4e57-bb5d-519031b061fe

 شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0822-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇ ئايكۆلدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى قانلىق شەكىلدە داۋام قىلماقتا. ئايكۆلدە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 16 – ئاۋغۇست كۈنى ياسىن ئاۋۇت ۋە تۇنىياز قۇرباندىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ياش ئۆي ئاختۇرۇش ۋە چارلاش داۋامىدا ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. خىتاي ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى 19 – كەنت 3 – گۇرۇپپا ئەزاسى 21 ياشلىق ئۆمەر ئابلانىمۇ ئاقسۇ شەھىرىدە تاكسىچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئېتىپ تاشلىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئايكۆلدىكى ئىككى كەنتتە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 13 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، 3 كىشىنىڭ ئېتىلغانلىقى ۋە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ئۆيىدىن پالتا، خەنجەر ۋە پارتلاتقۇچى دورا تېپىلغانلىقى باھانىسى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى بۇ قانلىق تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان، بۇ قېتىملىق تۇتقۇنمۇ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئۆلچەملىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىغان ھالدا داۋام قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-aykol-08222014191451.html

Share
1467 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.