logo

trugen jacn

ئاقسۇنىڭ كۇچا، شايار ناھىيىلىرىدە رامىزانلىق تەكشۈرۈش بەلگىلىمىلىرى ۋە ئوي ئاختۇرۇش يولغا قويۇلدى

ramazanda_hangi_gun_hangi_dua_okunur_1434699954_4646

مېھرىبان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە ئاقسۇنىڭ كۇچا، شايار ناھىيىلىرىدە رامىزانلىق قاتتىق بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلغان.

دائىرىلەر بۇ يىلمۇ دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەندىن باشقا يەنە 7 ماددىلىق رامىزانلىق تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ھۆكۈمەت ئارخىپىدىكى گۇمانلىق ئائىلىلەر، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان. ئۆي ۋە مەسچىتلەرگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان.

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل يولغا قويغان رامىزانلىق چەكلىمىلەر ۋە بەلگىلىمىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قاتتىق ۋە ئېغىر بولغان. بولۇپمۇ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار، كۇچا ناھىيىلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە مەسچىتلەرنى قوراللىق تەكشۈرۈش قىلمىشلىرى بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى قاتتىق تەقىپ ۋە بېسىم ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئەندىشىلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىقلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭى ياقابۇلاق كەنتى رامىزانلىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتتىق چەكلىمە قويغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، شايار ياقابۇلاق كەنتىدە كەنت كادىرلىرى، كەنت ساقچى ئىشخانىسى، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق پونكىتىنىڭ مەزكۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئەترەت كەنت ئاھالىسىنىڭ رامىزان ئېيىدىكى پائالىيىتىنى كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

شايار ياقابۇلاق كەنتىدىكى بىرلەشمە ئەترەتنىڭ چىقارغان 7 ماددىلىق بەلگىمىدە، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەرنى، ئالاھىدە ئامما ۋە مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىشنى يولغا قويغان، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى ۋاق كەنتكە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى، مەيدانىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. بەلگىلىمىدە يەنە، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ بارماق ئىزى ۋە چاچ ئۆلگىسىنى يىغىش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ياقابۇلاق كەنتىدە چىقىرىلغان 7 ماددىلىق بەلگىلىمە ھەققىدە، شايار ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ياقابۇلاق كەنتىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون لىنىيىلىرى ئۇلانمىغىنى ئۈچۈن رامىزانلىق تەكشۈرۈش ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىشقا ئىمكان بولمىدى.

ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ناھىيىسىنىڭ باشقا يېزا، كەنتلىرى ۋە كۇچا ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ خىل «بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى» نامىدىكى تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

يېقىندا كۇچا قاتارلىق ناھىيىلەردە زىيارەتتە بولۇپ كەلگەن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇچاردىكى «بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى» تەركىپىدە، شۇ يېزا ياكى مەھەللىنىڭ كادىرلىرى ۋە ناھىيىدىن شۇ يېزىغا بەلگىلەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرىدىن باشقا يەنە، ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار كۇچادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مەسچىتلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش«قانۇنسىز دىنىي كىتابلار» نىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاش، مەسچىتكە سېلىنغان گىلەملەرنىڭ ئاستىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغان – قويۇلمىغانلىقىغا قاراش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى بېجىرىدىكەن.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇچاغا ساياھەتكە ۋە تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى كۇچاغا كىرىش ئېغىزىدا توسۇۋېلىپ قاتتىق تەكشۈرۈش بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، رامىزان مەزگىلىدە بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى مۇقەررەر ئىكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمە – بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات بېرىپ، بۇ خىل بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارنى كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە رامىزان ئېيىدىكى ئەركىن دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/ramizan-cheklesh-06222015202100.html

Share
1449 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.