logo

trugen jacn

ئاقسۇدا بەدەن چېنىقتۇرغان ياشلار تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىندى

 

شۆھرەت ھوشۇر 

ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدا 20 نەچچە نەپەر ياش بەدەن چېنىقتۇرغانلىقى ۋە ئۆيلىرىدىن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋاپلىرى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلاردىن ئىككى نەپىرى ئايال بولۇپ، 17 – 18 نەپىرى يېزىلىق ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، قالغانلىرى ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەھۋال، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوچۇق مەيدان سوتلىرىدىكى گۇماندارلارنىڭ ئاتالمىش جىنايى ئارقا كۆرۈنۈشىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرمەكتە.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 22 – ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئوچۇق مەيدان سوتلىرى ئېچىلماقتا. بۇ ھەقتىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن گۇماندارلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق بىر ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقى، يەنى ئەيىبلىنىشكە سەۋەب بولغان جىنايى پاكىتلىرى مەلۇم ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، رايوندىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

خادىم: بەشئېرىق ساقچىخانىسى !

مۇخبىر: سىلەرنىڭ يېزىدا ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە قايسى ۋەقە؟

خادىم: تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەر تۇتۇلدى.

مۇخبىر: جەمئىي قانچە كىشى تۇتۇلدى؟

خادىم: بىرقانچىسىنى ناھىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋەتتۇق. 17 – 18 ى ساقچىخانىمىزدا بار.

مۇخبىر: بۇلار قانچە ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەر؟

خادىم: ئەڭ چوڭى 25 ياش، 18 ياش بىلەن 25 ئارىسىدا، ئىككى نەپىرى ئايال.

مۇخبىر: بۇلار نېمە ئىش قىلغان، قانداق ۋەقە سادىر قىلغان كىشىلەر؟

خادىم: بەدەن چېنىقتۇرغان، ئۆيلىرىنى ئاختۇرغان ۋاقتىمىزدا بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئەسۋاپلار بايقالغان.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ ئەمەلىي سادىر قىلغان بىر ئىشى يوق ئوخشىمامدۇ؟

خادىم: تېررورلۇقنى پىلانلاۋاتقان چېغىدا بايقىلىپ تۇتۇلدى.

مۇخبىر: ئۇلارنىڭ بىر يەرگە توپلاشقان، يىغىن ئاچقان ئەھۋالى بارمىكەن؟

خادىم: يوق، قول تېلېفونلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان.

مۇخبىر: ئۇلارنى تۇتۇش جەريانىڭلاردا قارشلىق كۆرسەتكەنلەر بولدىمۇ؟

خادىم: ياق، بولمىدى.

مۇخبىر: مۇشۇ گۇماندارلارنى تۇتۇش جەريانىڭلاردا مەيلى ساقچى ياكى گۇماندارلار تەرەپتىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار بولدىمۇ؟

خادىم: ياق، بولمىدى. ھازىر ساقچىخانىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارغا سىياسىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

بىز يەنە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئاھالىلەردىنمۇ مەلۇمات ئىگىلىدۇق:

مۇخبىر: سىزچە، ساقچىلارنىڭ بۇ دەرىجىدە زوراۋانلىقى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ؟

ئاھالە: مەنچە پەقەت ۋە پەقەت تېررورلۇققا بىر يىل قارشى تۇرىمىز دېگەنلىكى ئۈچۈنلا بولۇپ كېتىۋاتقان ئىشلار بۇ؟

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بىر يىل تېررورلۇققا زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلاملاردىكى ساقچى ئورۇنلىرى ۋەزىپە ئورۇنلاش ۋە يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇش ئۈچۈن، بۇرۇن جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغان سابىق مەھبۇسلارنىمۇ قايتا تۇتقان، بۇرۇن گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلگەن گۇماندارلارنى قايتىدىن يىغقان. ئەگەر بۇنداق سابىق مەھبۇس ۋە گۇماندارلارنىڭ سانى كۆپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۇقىرىقىغا ئوخشاش، يەنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئوخشاش تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقسى بولمىغان ئىشلارنىمۇ تېررورلۇققا پاكىت دەپ كۆرسىتىپ تۇتقۇن ئېلىپ بارغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/beden-chineqturush-terorluq-07042014191829.html

Share
1454 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.