logo

trugen jacn

ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان زىيىنى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك تىجارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى، ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پىتېر ناۋاررو 28-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىدىكى «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكىگە سېلىۋاتقان زىيىنى ھەققىدە بىر دوكلات بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ «خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان 2025» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىقتىسادىي پىلانى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل، ئالەم تېخنىكىسى، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرى ۋە ياكى ئادەملەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئوغرىلاش ياكى خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى تېخنىكىسىنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش ۋە ياكى ئامېرىكىنىڭ 20 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 600 دىن ئارتۇق يۇقىرى تېخنىكا مۈلكىگە مەبلەغ سېلىش، خام ماتېرىيال ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشتەك نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ئەركىن تىجارەت نامى ئاستىدا ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقى، ئەمما ھېچقاچان ئۇنىڭ شەرتلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتتە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىتىر ناۋاررو ئەسلىدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس ۋە سەرمايە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ترامپنىڭ سايلام پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىكى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي سەۋەب بولغان ئۆلۈم» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ زور تەسىر قوزغىغان بۇ كىتابى 2012-يىلىغا كەلگەندە ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپمۇ ئىشلەنگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابى ۋە ھۆججەتلىك فىلىمىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ۋە ئىش بازىرىغا زور زىيان سالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2001-يىلى «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇشىنىڭ ئامېرىكىدا 70 مىڭدىن ئوشۇق ئىش ئورنىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئاسىيادىكى بىردىن-بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش نىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جۈملىدىن ھەربىي تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-xitay-soda-07032018162940.html

Share
1807 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.