logo

trugen jacn

ئاقتۇنىڭ پىلال يېزىسىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» دا دىنىي زاتلار سازايى قىلىنغان

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدە بىر مەيدان سۈرەن-چوقانغا تولغان «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» ئېچىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى تازىلىق كەنتىدىكى 900 دىن ئارتۇق ئامما يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. نەق مەيداندا تارتىپ چىقىرىلغان بىر نەپەر ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ يالاپ تۇرۇشى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئالدىدا سازايى قىلىنغان.

شۇ كۈنىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» دا ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دانىيار مەمەت بىلەن ئاقتۇ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنپىڭ سۆز قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدە ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم پىلال يېزىسىنىڭ تازىلىق كەنتىدىن بىر يىپ ئۇچى تاپشۇرۇۋالغان. يەنى ئاقتۇ ناھىيەسى چىقارغان «‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى» بويىچە، تازىلىق يېزىسىدىكى بىرەيلەن دىنىي زات ئەبەيدۇللا ياسىن ئۈستىدىن پاش قىلىش ماتېرىيالى يوللىغان.

ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم شۇ كۈنى كېچىسى تازىلىق كەنتىگە ساقچى ئەۋەتىپ، ئەبەيدۇللا ياسىننى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى تازىلىق كەنتىدە ئېچىلغان «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» دا، دىنىي زات ئەبەيدۇللا ياسىننىڭ 2012-يىلىدىن بۇيان «پىلان سىرتىدا پەرزەنتلىك بولۇش، ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىگە تايىنىپ قانۇنسىز ھالدا كەنت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» تەك بىر قاتار قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان.

دىنىي زات ئەبەيدۇللا ياسىننى ئامما ئالدىدا سازايى قىلىش يىغىنىدا ئۇنىڭ «دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان قانۇنسىز ئۇنسۇر» ئىكەنلىكى ھەمدە «كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۆتىۋەرگە، كەينىدە ئىبلىسقا ئايلىنىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ماتېرىيال ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

مەزكۇر ساقچىخانىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال ساقچى تازىلىق يېزىسىدىكى مەزكۇر دىنىي زاتنىڭ شۇ كۈنىدىكى ئامما ئالدىدا سازايى قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ساقچى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، بۇ دېلونى پىلال يېزىلىق ساقچىخانا ئەمەس، بەلكى ئاقتۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى بىۋاسىتە بېجىرگەنلىكىنى، ئەبەيدۇللا ياسىننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى قايسى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ھازىر كۈنىگە نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يولغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ikki-yuzlime-08242017120916.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.