logo

trugen jacn

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 15 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن

turkistan

 

ئافغانىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا 15 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ دەرھال خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بىر ئافغان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ كابۇلدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قالغان 13 نەپىرىنىڭ كۇنار ئۆلكىسىدە قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كۇنار ئۆلكىسى ئافغانىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىسى.

يەنە بىر ئافغان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز خىتايغا ھەمكارلىق قولىمىزنى سۇندۇق. بۇنىڭغا جاۋابەن بىز خىتاينىڭ پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئافغانلىق تالىبانلارنى قوللاشنى توختىتىشنى ياكى ئۇلارنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن.

پاكىستان، ئافغان ھەربىي، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنېرال راھېل ئەشرەف بۇ ھەپتە كابۇلنى زىيارەت قىلغاندا ئافغان پرېزىدېنتى غەنىگە تالىبانلارنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

نۆۋەتتە، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ كىملىكى، ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/musapir-uyghur-02202015161828.html

Share
1498 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.