logo

trugen jacn
23 ئۆكتەبىر 2014

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى خىتايدىن باشلايدۇ

yeni_cumhurbaskanindan_birlik_mesaji

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن

خۇا، پىرېزىدېنت غېنىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتى بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتتە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك زىيارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى خۇا چۈنيىڭ، «خىتاي ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ» دېدى

تالىبان، چەت ئەل قىسىملىرى مۇشۇ يىل (2014) نىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى، غەرب ئەللىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، لېكىن، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش باسقۇچىدا سودا ھەمراھى سۈپىتىدە پائال رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

كۆپ ساندىكى خىتاي رەھبەرلىرى، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەرگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ پاكىستان – ئافغانىستان چېگراسىدىكى قەبىلىلەر رايونىنى پاناھگاھ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خىتاي مىقياسىدا يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا چېگرا سىرتىدا تەربىيەلەنگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، مۇتەخەسسسىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1409 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.