logo

trugen jacn

ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلدى

1179786823109264207828175117962094812564641883902478n

مېھرىبان

21-يانۋار ۋاپات بولغان ئاسىيا بوكس چېمپىيونى، ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ مېيىت نامىزى 22-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى، يەنى ھازىرقى بەيتۇللا مەسچىتىدە ئوقۇلدى. مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا ناھايىتى كۆپ ساندا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىنمۇ كېلىپ قاتناشقانلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز قايغۇغا سالغان.

ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىغا نەچچە مىڭ ئادەم قاتناشقان ۋە مەرھۇمغا ئاتالغان مەرسىيىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ مەرھۇمغا ئاتاپ كۆپلىگەن مەرسىيەلەر، ماقالە -ئىنكاس ۋە تەزىيەلەر ئېلان قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە چەتئەللەردىكى بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىمۇ خەۋەر بەرگەن بولۇپ، تۈركىيە TRT ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە 37 يېشىدا قازا قىلغان ياش بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە جەمئىيەتتە ھەر خىل تالاش-تارتىش ۋە قىياسلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىندى.

بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1999-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگراملىقلارنىڭ ئېلىشىشىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ تونۇلغان ۋە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ قېتىملىق بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجىلاردىن بولۇپ، دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى. خەلقئاراغا تونۇلغان بوكس ماھىرى ئابدۇراخمان 2003-يىلى بەل ئومۇرتقىسى زەخىملىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن توختاپ قالغاندىن كېيىن مەشقاۋۇللۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-boks-01222015160431.html

Share
2273 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.