logo

trugen jacn

ئادۋوكات مەمتىمىن: يېزىلاردىكى روزا تۇتقۇزماسلىقنى دېيىشكە ئادەمنىڭ تىلى كۆيىدۇ

8ff1ccb5-134f-4a53-ad31-60aa8c30e68e

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى باشلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىدا ئىسلام دىنىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بۇ پەرزنى ئادا قىلىشتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بىراق، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىسلام دىنىدا بولغان تۇڭگانلار بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي بېسىمسىز، روزا-رامىزاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكتە.

بىز يېقىندا يوپۇرغا ناھىيىسىدە روزا باشلىنىشتىن ئىلگىرى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلاردىكى دېھقانلارغا روزا تۇتماسلىق،تەراۋىھ ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇماسلىق توغرىسىدا يىغىن ئاچقانلىقىنى ۋە يېزىدىكى ياشلارنىڭ نامازغا بېرىشىنى توسقانلىقى ھەققىدە بەزى بىر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر ناھىيەدىكى بىر دېھقان ئايالغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز تېلېفون سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، يېقىندا مارالبېشى ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان ئادۋوكات مەمتىمىنن بىلەن خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دېيىلگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق.

بىز سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇڭگانلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چوڭ مەسچىتلەردىن بىرىگە تېلېفون قىلىپ تۇڭگانلارنىڭ روزا-رامىزاندىكى دىنىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسچىت مۆتىۋەللىسى روزا ئېيى كىرىش بىلەن مەسچىتتە ئوقۇلۇۋاتقان جۈمە،تەراۋىھ نامازلىرىغا ئادەتتە ئۈچ يۈزدىن تۆت يۈزگە قەدەر كىشىنىڭ توپلىنىدىغانلىقىنى،جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى تۇڭگانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز مەسچىت مۆتىۋەللىسىدىن سانجىدىكى تۇڭگانلارنىڭ روزا تۇتۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ۋە شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشتا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بېسىملىرىغا ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم بەلگىلىمىلىرىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا، ئۇ، بۇ ھەقتە: «ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە ئېتىقادىمىز ھېچقانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. سانجىدىكى تۇڭگانلار دىنىي جەھەتتە ئەركىن» دەپ جاۋاب بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-ramizan-06302015150444.html

Share
1554 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.