logo

trugen jacn

ئادۋوكات ليۇ شياۋيۈەن ئىلھام توختىنىڭ 9 تۈرلۈك نارازىلىق ئەرزى يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

image

 

ئادۋوكاتى ليۇ شياۋيۈەن بۈگۈن تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان ئىشكەل تېخىچە ئېلىۋېتىلمىگەن

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ 9 تۈر بويىچە نارازىلىق خېتى يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا سۇنغان ئەرزىگە تولۇقلىما قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى يۇقىرى سوتنىڭ ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە ئاساسەن يېپىق سوت ئاچماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن

ئادۋوكات ليۇ شياۋيۈەن ئىلھام توختى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنىڭ 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئىشكەل تېخىچە ئېلىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن روھىي ھالىتىنىڭ يامان ئەمەس تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11172014141626.html

Share
1333 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.