logo

trugen jacn

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ئىجازەت ئالغان

image

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 15-يانۋار دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئادۋوكات لى فاڭپىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى سوت مەھكىمىسىدىن ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئاغزاكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىز داۋامىدا ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە گۈزەلنۇر خانىملار يەنە ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىر مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىدا بولسۇن.

خىتاي دائىرىلىرى 30-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەيىبنامىنىڭ ئۈرۈمچى سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 12-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسىدىكى سوتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پەرھات ئىسىملىك بىرەيلەن سەيشەنبە كۈنى لى فاڭپىڭغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلھام توختى دېلوسىغا ئائىت ئەيىبنامىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە تەييارلىغان ئەيىبنامىدىكى ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە لى فاڭپىڭنىڭ تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يەنىلا رۇخسەت قىلىنمىغان

لى فاڭپىڭ ئەپەندى، بۇ يىل 15-يانۋار ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما دائىرىلەر ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئايغىچە ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان. پەقەت 26-ئىيۇن كۈنىگە كەلگەندە ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىلھام ئەپەندى بىلەن 1-قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. شۇ كۆرۈشۈشتە ئىلھام ئەپەندى ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە تۈرمىدە ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 2-قېتىم ئۈرۈمچىگە ئىلھام توختى دېلوسى ئۈچۈن بارغىنىدا، ئىلھام توختى ئەپەندى ئادۋوكاتقا دائىرىلەرنىڭ 30-ئىيۇل ئېلان قىلغان ئەيىبنامىدىكى«دۆلەتنى پارچىلاش، بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرىنى يەنىلا قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرگەن ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خادىمى ئەينى چاغدا ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدىكى ئەيىبنامىنى كۆرۈشىگە پۇرسەت بەرمىگەن.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى ۋە گۈزەلنۇر خانىملار بايانىدا بۇ قېتىم ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى پەرھات ئۇنىڭغا ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماتېرىياللارنى نۇسخىلاپ كۆپەيتىۋېلىشىغا قانچىلىك دەرىجىدە رۇخسەت بېرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىلھام ئەپەندىنى بىلىدىغان دوستلىرىدىن ئىلھام ئەپەندىنىڭ دەرسخانىدا سۆزلىگەن لېكسىيىلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە گۈزەلنۇر خانىملارنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىر مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام ئەپەندىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىمۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مۇتەللىپ ئىمىن، ئاتىكەم روزى، شۆھرەت تۇرسۇن، پەرھات خالمۇرات، ئابدۇقېيۇم، ئەكبەر ۋە ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ تېخنىك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى يىزۇ مىللىتىدىن بولغان لۇ يىۋېي قاتارلىقلار

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ پەقەت ئىلھام توختى دېلوسىدىلا ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلسا بولىدىغانلىقى ياكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-08142014154708.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.