logo

trugen jacn

ئادۋوكاتلار ئىلھام توختىنىڭ سوتى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى بىلدۈردى

image
مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنىڭ 17-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ۋە سوتنى بېيجىڭدا ئېچىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ بۇ سوتقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان

ئىلھام توختى دېلوسىدا ئاقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەنلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى خەلق سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ سوتىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا 17-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان

ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئەدلىيە دائىرىلىرىدىن ئىلھام ئەپەندى سوتىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ۋە بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭمۇ 11-سېنتەبىر سوت دائىرىلىرىگە رەسمىي يازما تەلەپنامە سۇنۇپ، سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى ۋە ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنىڭمۇ ئۇنىڭ دېلوسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

لى فاڭپىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:« ئىلھام توختىمۇ سوتنىڭ بېيجىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس يازدى. چۈنكى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا. ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ۋە ئوقۇشىمۇ بېيجىڭدا. ئىلھام ئەپەندىنىڭ ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورىمۇ بېيجىڭدا قۇرۇلغان. بىزمۇ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشى كېرەك دەپ بىلىمىز. ئىلھام ئەپەندى يەنە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوتىنىڭمۇ ئۇنىڭ سوتى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھازىر دائىرىلەر ئۇنى بۇ دېلودىكى باش تەشكىللىگۈچى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئۇستىدىن ئايرىم سوت ئېچىشنى قارا قىلدى. لېكىن بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ئىلھام توختى دېلوسىغا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن ئىسپاتلىرى سوتتا ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغزى بىلەن دەلىللىنىشى، يۈزلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.»

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ تەلىپىنى خىتايدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن تەلەپ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، سوت دائىرىلىرىگە يوللاش بىلەن بىللە، بۇ ھەقتە سوت دائىرىلىرىگە ئايرىم تەلەپنامە يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىنىڭ، ئۆزى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، كۆپىنچىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن دېھقان بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنىڭ نابۇت بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوتقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما سوت دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سوتقا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرچە ئۇلارغا تېخى ئۇقتۇرۇش قىلمىغان

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىگە دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىش قارارى ئېلىشى كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام ئەپەندىگە ئارتىلغان بۇ جىنايەتلەرنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئىلھام ئەپەندى بۇ يىل 15‏-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق تۇتقۇندىكى ئىلھام ئەپەندى سەككىز ئايدىن بۇيان ئۆزىگە ئارتىلغان بۇ جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەت ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېغىر روھى ۋە جىسمانىي قىيناشلارغا ئۇچرىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ئىلھام ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارادا، تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ilham-toxti-09152014153349.html

Share
1579 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.