logo

trugen jacn

ئاتۇشتا 5 لاگېر بارلىقى، لاگېردىكى بىر ياتاق نومۇرىنىڭ 3513 ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاتۇشتا بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سانائەت رايونىدا يانمۇ-يان ئورۇنلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن ئەكېتىلگەن بىر تۇتقۇننىڭ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىدىكى 3513‏-ياتاقتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە 10 بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە ئىلگىرى ئاتۇشتا دوختۇرخانا ۋە پارتىيە مەكتەپ قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنغا جايلاشقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى يېقىندا ئاتۇشنىڭ سانائەت رايونىغا جەملەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 1 دىن 5 كە قەدەر نومۇر بىلەن ئاتالغان 5 لاگېر دەرۋازىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالەتتە يانمۇ-يان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئاتۇشتىكى لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ساقچى خادىمى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتىدىن ئەكېتىلگەن سالام ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ 3513‏-نومۇرلۇق ياتىقىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ياتاق نومۇر تەرتىپىنىڭ 5 لاگېردا بىر تۇتاش ئىكەنلىكى ياكى ھەربىر لاگېرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئۆزىدىلا 10-20 مىڭ ئارىسىدا كىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ سېكرېتارنىڭ بايان قىلىشىچە، سالام ئابدۇراخمان مەلۇم بىر گۇماندار بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاتۇش خەلقىنىڭ تىجارەتكە ماھىرلىقى، خەلقئارا بىلەن ئالاقىسىنىڭ نىسبەتەن كەڭلىكى، خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۇتقۇندا چەتئەلگە چىققانلارنى مۇھىم نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاتۇشتا يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغانلارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئاتۇشتا بەش لاگېر بارلىقى ۋە بىر ياتاق نومۇرىنىڭ 3513‏ ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئاتۇشتا لاگېردىكىلەر سانىنىڭ 50 مىڭ بىلەن 80 مىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا ئۇيغۇر نوپۇسى 228 مىڭ، قىرغىز نوپۇسى 31 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى مەزكۇر 5 لاگېردا ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلاردىن بولۇپ، ئاز دېگەندە 20 پىرسەنت نوپۇسنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/atushta-lager-01212019144441.html?fbclid=IwAR1eAemSFlQN_-ciO2FEnvgWVs8ic0gqI_OMHR_UE3C6qLg2ahhfzXSCV8E#.XEZFT9bxvNQ.facebook

Share
1120 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.