logo

trugen jacn

ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» يىغىنلىرىدا 2014 – يىل كېيىنكى يېرىمىدا جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار

a03354a6-b134-43bf-8494-9d82d729d732

مېھرىبان

2014-u1222-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل – يىلى 23 – ماي باشلانغان ئاتالمىش«بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلدى. بولۇپمۇ 6 – ئايدا تۇتقۇن قىلىش ئەڭ شىددەتلىك بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردە ئېچىلغان نەچچە مىڭ ئادەم قاتناشقان ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» تا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئادۋوكاتسىز سوتلىنىپ، ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ئامما ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندى. دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىشى، خىتاينىڭ 60 – 70 – يىللىرىدىكى كۈرەش يىغىنلىرىنىڭ قايتا نامايەن بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ تەنقىدلەندى.

خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، 23 – مايدىن 25 – ئاۋغۇستقىچە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئوچۇق سوت نامىدىكى يىغىنلاردا جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار 800 دىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ۋېليام ئائىدە تەرىپىدىن يېزىلىپ 15 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي شىنجاڭدا 800 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ستاتىستىكا قىلىنىپ، «خىتايدا بۇ يىل 5 – ئايدا باشلانغان بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان 3 ئاي ئىچىدە 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىندى» دېيىلدى.

6 – ئايدىكى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300دىن ئاشقان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. 4 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە 29 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش دائىرىلىرى 4 – ئىيۇن، 29 كىشىنىڭ «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «قانۇنسىز سودا قىلىش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى سادىر قىلىش»قاتارلىق ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغان.

2. 5 – ئىيۇن 81 ئۇيغۇر سوتلاندى، 9 ئۇيغۇر «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

5 – ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە جايدا بىرلا ۋاقىتتا 81 ئۇيغۇر «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ سوت ئېچىلدى. سوت دائىرىلىرى 9 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدىكى 6 سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، 23 دېلوغا ئالاقىدار 81 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ئۇلاردىن ئابدۇباسىت قادىر، قاتارلىق9 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ، ئابدۇنەزەر مەخمۇت قاتارلىق3 كىشى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى، قالغان 69 كىشى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

مەھكۇملاردىن 68 كىشى ئاتالمىش«تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، قاتىللىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى ياساش، ساقلاش، توشۇش، قورال بۇلاش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن سوتلانغان. 13 كىشى «تېررورلۇق ئۈن – سىن پروگراممىلىرىنى ياساپ ۋە تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن سوتلانغان.

4. 16 – ئىيۇن 8 ئۇيغۇر تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، 3 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

16 – ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا، 2013 يىل 30 – ئۆكتەبىردىكى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان 8 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. سوت ھۈسەنجان ھوشۇر، يۈسۈپ ئۆمەرنىياز ۋە يۈسۈپ ئەھمەت قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، گۈلنار توختىنىيازغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغان 4 كىشىگە 5 يىلدىن 20 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

5. 20 – ئىيۇن ئۈرۈمچى دىۋوپۇدا 16 كىشى دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيىش سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 20 – ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىۋوپو يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 16 كىشىنى «قانۇنسىز دىنىي كىيىم» كىيىش، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا يەنە بىر قۇرئان كۇرسى «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ» دەپ پېچەتلىنىپ، ساقال قويغان، پەرەنجە ئارتقان ۋە جىلباپ كىيگەن 130 دىن ئارتۇق ئەر ۋە ئايالغا جەرىمانە ۋە تەربىيە بېرىش جازاسى بېرىلگەن.

6. 25 – ئىيۇن غۇلجا چاپچالدا 9 ئۇيغۇر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

25 – ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، چاپچال ناھىيىسىنىڭ قاينۇق بازىرىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا، دىلمۇرات ئۆمەر، نىزامىددىن توختى قاتارلىق 9 نەپەر ئۇيغۇر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا 14 يىللىق، ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

7. 27 – ئىيۇن پەيزىۋات ۋە لوپ ناھىيسىدە 80 دىن ئارتۇق كىشى سوتلاندى، تۇتقۇن قىلىندى

27 – ئىيۇن كۈنى قەشقەرنىڭ پەيزىۋات، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەلىرىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر «تېررورلۇق»، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق، ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنى تارقىتىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئېلىندى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئوچۇق سوتتا، 53 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ئۇلاردىن ئابدۇراخمان قادىر قاتارلىق 15 كىشى ھىجرەتكە ئادەم توپلاش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان. ئىدرىس ئۇرايىم قاتارلىق 28 كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خېلىل ئابلىز قاتارلىق 10 كىشى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۆۋىنى بىر يىللىق، يۇقىرىسى 10 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان.

27 – ئىيۇن خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسى دولى يېزىسىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا، توختى نىياز قاتارلىق 28 ئۇيغۇر مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، پارتلاتقۇچ ياساش، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئېلان قىلىنمىغان.

8. 30 – ئىيۇن قەشقەردە 113 ئۇيغۇر ئۈستىدىن كوللىكتىپ ئوچۇق سوت ئېچىلدى، يىغىنغا قاتناشقانلار ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30 – ئىيۇن قەشقەردە 113 ئۇيغۇر ئۈستىدىن كوللېكتىپ سوت ئېچىلىپ، ئۇلاردىن 4 نەپەر ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغان 109 نەپەر گۇماندارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. گۇماندارلارنىڭ كۆپ قىسمى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

9. 10 – ئىيۇل «تېررورلۇق ئۇچۇرى يوللاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن 32 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلدى.

خىتاينىڭ 10 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، بورتالا، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا 32 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى «تېررورلۇق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقانلىقى» ئۈچۈن، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ 11 – ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شۇ كۈنى كورلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە «تېررورلۇق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇچۇرى تارقاتقان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 13كىشى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

10. 21 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە 27 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

21 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى نامازشام ۋاقتىدا ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى مەھەللىسىدە 23 ئۇيغۇر ۋە 4 نەپەر تۇڭگان قانۇنسىز توپلانغان دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

11. 8 – ئاۋغۇست بىڭتۈەندە 25 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلدى.

8 – ئاۋغۇست، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 – دېۋىزىيە ئوتتۇرا سوتى 25 نەپەر ئۇيغۇرنى سوتلاپ، مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان.

مەھكۇملار «جامائەت» نامىدىكى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھ تەشكىللەش، بۆلگۈنچىلىككە، رادىكاللىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تېررورلۇق ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىش، تېررورلۇققا مەبلەغ توپلاش، تېررورلۇق مەشىقى قىلىش، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەھكۇملارنىڭ 2 نەپىرى ئايال بولۇپ، ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق، ئەڭ يۇقىرىسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.

12. 11 – ئاۋغۇست كۈنى «28 – ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە قاتناشقان 18 كىشىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

11 – ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى «يەكەن 28 – ئىيۇل ئىلىشقۇ ۋەقەسى» گە قاتناشقان 18 كىشىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

13. 15 – ئاۋغۇست غۇلجا كۈنەستە 28 ئۇيغۇر سوتلاندى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە 15 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، 28 نەپەر ئۇيغۇرغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/zulum-12222014212708.html

Share
1568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.