logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرغا بىشارەتلىرى

 

دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرغا بىشارەتلىرى
   
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
دوغۇ پىرىنچەك تۈركىيەدە پارلامېنتقىمۇ كىرەلمىگەن، ۋەتەن پارتىيەسى دېگەن نامدا پائالىيەت قىلىدىغان كىچىك بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى. ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ «ئايدىڭلىق» دېگەن گېزىتى بار، ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا «ئۇلۇسال قانال» دېگەن بىر تېلۋىزىيەنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ قانالغا سابىر بۇغدا چىقىپ خىتاينى ئاقلاپ تۇرىدۇ. بۇ قانال ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دائىم خىتاينى ئاقلاش بىلەن ئالدىراش.
يېقىندا دوغۇ پىرىنچەك سۈرىيەدە 30 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ دائىشتا، يەنى ئىسلام دۆلىتى تېرورلۇق تەشكىلاتى سېپىدە بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەرپىدىن يېتەكلىنىۋاتقان بىر تېرورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بازارغا سالدى.
دوغۇ پىرىنچەكنىڭ 30 ئۇيغۇر سۈرىيەدىكى تېرورچى تەشكىلاتقا قاتناشتى دېگىنى مەنچە پۈتۈنلەي يالغان بولسىمۇ يېڭى مەلۇمات. بۇ بۇ مەلۇماتنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى دېدى. ئەمما مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تاكى بۈگۈنگىچە دوغۇ پىرىنچەكنىڭ گېپىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى. خەلقئارا سىياسەتتە جاۋاپ قايتۇرمىغانلىق قوبۇل قىلغانغا باراۋەر. بۇ بىر ئەجەللىك مەسىلە، چۈنكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۆت چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ شىرىكى. بۇ پارتىيە تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا نوپۇزلۇق، بولۇپمۇ مەمۇرلار ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى كۆپ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خەتەرلىك بىشارەت. بۇ ساننىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا يېقىن كېلىپ قېلىشىمۇ غەلىتىلىك.
دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورچىلىق، قاتىللىق، تۈركىيەگە قارشى ئىسلامى تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىق بىلەن ئەيىپلىشى بىلەن 18 كىشىنىڭ بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن دائىشقا چېتىپ ئىستانبۇلدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ھىندونۇزىيەدىن تېرورغا باغلاپ تۇتۇلۇپ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مەنچە بىر بىرىگە باغلىنىشلىق. يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيان مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان، ئەمما تېخى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلمىغان «جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» مەسىلىسىمۇ دوغۇ پىرىنچەكنىڭ يۇقارقى تەشۋىقاتلىق، بىشارەتلىك سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
خىتاي 2001-يىلدىن بۇيان دۇنياغا يېيىلغان تېرورچىلىق بالاسىنى ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتا سۈيئىستىمال قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە قۇرغان ئىسلام نامىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلىرى خىتايغا ئىزچىل باھانە بولۇپ كەلدى. گەرچە مەۋجۇتلۇقتىن قالغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلانغان بولسىمۇ ب د ت تىزىملىكىدە ھېلىمۇ مەۋجۇت. خىتاي ھازىر سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ. تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىمۇ ئۆزىنى شۇنداق جاكارلاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ پاكىتى تورلاردا ئاشكارە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلامۇ شۇنداق بىلىدۇ.
خىتاي 2017-يىلىدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئىسلام تەشكىلاتىمىزنى تۇتقا قىلىپ ئۇيغۇرنى تېرورچىلىق بىلەن ئەيپلىگەن بولسا، ئەھۋال تەدىرىجى ئۆزگەردى، ھازىر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرنى تېرورچىلىقتا ئەيىپلەشتە تۇتقا قىلىۋاتىدۇ. ئىستانبۇلدىكى بىر كۇلۇپتا يۈز بەرگەن بىر تېرورلۇق ۋەقەسىدە تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى كۈتمەيلا مەزكۇر قەتلىئامنى قىلغان كىشىنى ئۇيغۇر دەپ جاكارلىدى، ھەمدە ئۇيغۇر چىقمىغاندىن كېيىن خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلمىدى، بىر خۇسۇسى خەت يېزىپ ئاشكارە ئەپۇ سوراشتىنمۇ چېكىندى.
2017-يىلنىڭ بېشىدا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ 7 خادىمى تۈركىيەگە كەلدى. مەن بۇلارنى سىيىت تۈمتۈرك قاتارلىق رەھبەرلەرگە يەتكۈزدۈم، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئامالسىزلىقى مەلۇم بولدى. كىملىكى، قايسى مىھمانخانا، قايسى ياتاققا چۈشكەنلىكىگە قەدەر مەلۇماتلار تولۇق دېيىلگەن بولسىمۇ ئۇلارنى چەكلەيدىغان ھىچ بىر چارە بولمىدى. ئۇندىن كېيىن 2018-يىلى يانۋاردا يەنە بىر خىتاي جاسۇسىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ سۈرىيەگە كىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يۈتكۈزدۈم. سۈرىيەگە بېرىپ جىھات قىلىشنىڭ خاتالىقى ھەققىدە يازغان يازمىلىرىم، تۈركىيەدىكى جىھاتچى گورۇپپىلارنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئۇيغۇرغا زىيانلىرى ھەققىدە يازغانلىرىم سەۋەپلىك تېلىفوندا يۈزلەرچە قېتىم تەھدىتكە ئۇچرىدىم. 2018-يىلى 4-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇلۇ جامىنىڭ ئالدىدا، ئوكيانۇس تېلىفون دۇككىنى ئىچىدە ۋە سىرتىدا تەھدىتىگە ئۇچرىدىم. يېنىمدا ئامېرىكىلىق بىر مۇخپىر بار تۇرۇپ يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئاشكارە جىنايەتكە قاراپ تۈركىيەدە ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. كېيىنكى كۈنلەردە غەرپ مۇخپىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىشقا كېلىپ تۈركىيەدىن قوغلانغانلىقىغا شاھىت بولدۇم، ھەتتا بىر مۇخپىر ۋىزا بىلەن كېلىپ زىيارەتنى قىلىپ بولغىچە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق فرانسىيەلىك بىر مۇخپىر ئۇيغۇرنى يېزىشتىن ۋاز كەچتى، چۈنكى تۈركىيە ئىستىخپاراتىنىڭ چايغا تەكلىپلىرى ئۇنى قورقۇتتى.
دوغۇ پىرىنچەكنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ۋەيسى قايناقنىڭ دېگەنلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق يوق. بىرى تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئاق پارتىيەسىدىن چىققان بىر سىياسەتچى، بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىر؛ يەنە بىرى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كومۇنىست ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىۋاتقان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى. دوغۇ پىرىنچەكنى سوتقا ئەرز قىلغان كۈنى ئۇيغۇرلار دوغۇ پىرىنچەكنىڭ تېرورچى ئابدۇللا ئۆجئالان بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى، ئۇنى قوللىغان كۆرۈنىشلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنىڭ پلاكاتلىرىنى يىغىۋالغان. تېرورچىنىڭ شىرىكىگە يول بار، ئۇنى تېرورچى دېيىشكە يول يوق. مانا بۇ ئاق پارتىيەنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيەسى. شۇڭا ئاق پارتىيەلىك، مۇسۇلمان مۇئاۋىن باش مىنىستىر بىلەن ۋەتەن پارتىيەلىك، كومۇنىست، ھۆكۈمەتتە رەسمى ۋەزىپىسى بولمىغان لېكىن «تۈركىيەنى بىز باشقۇرىۋاتىمىز» دەۋاتقان كىشىنىڭ پەرقى يوق. مەقسەت ئۇيغۇرنى تېرورچى قىلىش. ۋەيسى قايناقنىڭ گېپىدىن كېيىن رەسمى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىنچە 5 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلدى، غەيرى رەسمى رەقەملەردە بۇ ساننىڭ ئەڭ ئاز ئوندىن ئاشىدىغانلىقى دېيىلىۋاتىدۇ.
خوش، دوغۇ پىرىنچەك ئۇيغۇرنى تېرورچى، تۈرك ئەسكىرىگە ئوت ئاچقان قاتىل دەپ، تۈركىيەدىكى تېرورچى تەشكىلات كورد ئىشچىلار پارتىيەسى (تۈركىيەدىكى ئىسمى پە كاكا) بىلەن بىر ئورۇنغا قويدى. بۇنى نېمىشقا دېدى؟ بۇمۇ بىر بىشارەتمۇ؟ مەنچە شۇنداق. خىتاي سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئەسىرگە چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى ئاشكارە، توپ توپ قايتۇرۇپ كەتمىدى. قايتۇرۇپ كېتەلمدىمۇ؟ ياق، ئۆزبېكىستان ئېلىپ كەتكەن پۇقراسىنى خىتاي ئېلىپ كېتەلەيدۇ، ھىچ بولمىسا ئاتا ئانىسىز يېتىم بالىلارنى بولسىمۇ ئېلىپ كېتەلەيدۇ، ئەمما ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئاشۇ ئەسىرلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىگە سۈركەلگەن قارا دائىما مەۋجۇت. مېنىڭ شەخسەن ئېنىقلىشىمچە ۋە بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇش جەريانىدا شاھىت بولۇشۇمچە ئۇ ئەسىرلەرنى يولغا سالغانمۇ، ئۇ يەردىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا پۇل ئالىدىغانمۇ ئوخشاش بىر گورۇھ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مەلئۇن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان قىزللارنى جىھاتقا قىزىقتۇرۇپ ئالدى بىلەن ۋېيتنامغا ئېلىپ چىققان، ئاندىن سۈرىيەگە يولغا سالغان. يەنە شۇ زات ئاشۇ ئۇيغۇرنى قۇتقۇشنى «تەرتىپ قىلىپ» پايدا ئالدى. قاچۇرۇلغان ئۇيغۇر تۇتۇلدى، دوللارنى ئالغان قاچاق ئىستانبۇلدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىدۇ. تېرورچىلىق مەيدانلىرىغا يوللاپ پايدا تېپىش، ئۇيغۇردىن قان شوراپ پەيىز سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار «ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش، ۋەتەندىكىلەرنى قۇتقۇزالمىسىمۇ يېنىمىزدىكىنى قۇتقۇزۇش، جىھاتقا تەييارلىق قىلىش، جىھاتقا قىزىقتۇرۇش» شۇئارلىرى بىلەن ھېلىمۇ ھەرىكەتتە.
دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئاغزى بېسىقامدۇ؟ ياق، بېسىقمايدۇ. بىرى مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە شۇنداق بىر ئادەم لازىم. خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇرنى قارىلاشقا، ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىنى بۇراشقا، تۈركىيەدە «ئۇيغۇر تېرورچى» يارىتىشقا شۇنداق بىر ئادەم ۋە بىر توپ ئادەم لازىم. ئۇنىڭغا باھانە تېپىلىپلا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەقلىق ۋە ھەقسىز شايىكىلى بار. ئۇنىڭ ئىددىيەسىگە پىدايىلارچە خىزمەت قىلىدىغان، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى غەرپنىڭ دىنى، تۈركىيەنىڭ تۈزۈمىنى تاغۇتنىڭ تۈزىمى، تۈركىيە قانۇنىغا بويسۇنۇشنى «ئاللاھنىڭ قانۇنىنى قوپۇپ ئىنسان تۈزگەن قانۇنغا بويسۇنغانلىق» دەيدىغان، تۈركىيەنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇشنى «دىندىن چىقىرىدۇ»، «مۇستاپا كامالغا ئىقتىدا قىلغۇزىدۇ» دەيدىغان پىكىردىكىلەر، بۇ پىكىرلىرىنى ئىسلام دەپ يېيىۋاتقان كىشىلەر، تەشكىلاتلار ۋە ئورونلار مەۋجۇت.
دوغۇ پىرىنچەكنىڭ گەپلىرى سەۋەپلىك تۈرك خەلقى قوللىماي، تۈك جامائەت پىكرى ئۆزگىرىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلشىمى بىلەن ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن قوغلىنىپ كېتەمدۇ؟ كەسكىن جاۋاپ ياق، ئۇنداق بىر ئىھتىماللىق مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى تاجىك دەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بەلكىم ئۇيغۇرنى باشقا مىللەت دەپ باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، شۇ يەردىن خىتاي تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن. بەلكىم تۈركىيە بىر بىرلەپ، يوشۇرۇن يوللار بىلەن ياكى ئىككىنجى دۆلەت ياكى ئۈچىنجى دۆلەتلەر ئارقىلىق خۇپىيانە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئاشكارە، توپ توپى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. تۈركىيە ياۋرۇپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئەزا بولغان دۆلەت. كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان، ئۆلۈم جازاسى مەۋجۇت بولغان خىتايغا تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى ئاشكارە، كوللىكتىپ ھالدا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ ئەمەس، بېرەلمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەلى «بىلىم بىلەن تىرىلگەنلەر ئۆلمەيدۇ» دېگەن ئىكەن. بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە بىلىم بىلەن ياشىشىمىز، ئۆسەك تارقاتماي بىلىم تارقىتىپ، ئارزۇ-خيالىمىزغا تايانماي بىلىمگە تايىنىپ ياشىشىمىز ، قۇرۇق دۇئا- تىلەككە تايانماي ئىشچان بىلەككە، سەۋەپكە، ھەرىكەتكە ئىشىنىپ ياشىشىمىز ئۆلمەس مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خىتاي ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلۇقنى ئۆلتۈرمەكچى، مەۋجۇتلۇقىمىزنى پۈتۈنلەي بەرپات قىلماقچى بولۇۋاتقان مۇشۇ خىرىسنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلىدىغان ھەر قايسى ساھەدىكى بىلىم بىلەن ئۆلمەس بولۇپ تىرىلسەك دەيمەن. خىتاي ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچى بولغان مۇھاجىرەتتىكى بۇ يىللارنى مەن تىرىلىش يىللىرى بولسىكەن دەيمەن. بىز يوقاتقان سەنئىتىمىزدە قايتا تىرىلىدىغان، ئۇنتۇلدۇرۇلغان تارىخمىزدا قايتا تىرىلىدىغان، ئېرىشەلمىگەن بىلىمدە قايتا تىرىلىدىغان، يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇرلۇقىمىزدە قايتا تىرىلىدىغان بىر دولقۇن پەيدا قىلساق دەيمەن. تارتقۇزۇپ قويغان دۆلىتىمىزنى تىرىلدۈرۈش مۇھاجىرەتتە بىلىم بىلەن ئۆلمەس بولۇپ تىرىلىشسىز ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى كۈندەك رۇشەن مەنچە.
Share
1874 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.