logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ۋەتەندە ئېلىپ بارغان ئانا تىل دەۋاسىنى چەتئەلدىمۇ داۋاملاشتۇرىمەن

image (2)

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 7 – دېكابىر ئەنقەرەدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى» دەپ ئەيىبلەپ 15 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەب ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىلىپ كېتىش جەريانى توغرىسىدا بىلىنمىگەن بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا ئىلگىرى ئېلىپ بارغان ئانا تىل دەۋاسىنى چەتئەلدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، 2013 – يىلى 19 – ئاۋغۇست قەشقەردە تۇتۇلغاندىن كېيىنلا، ئانا تىل يەسلىسى بىلەن ئانا تىل مەكتىپىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، بىر يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن ئانا تىل مەكتىپىنى ئېچىش پىلانىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرمىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى قايتا خاتىرىلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، تۈرمىدىكى ۋاقتىدا چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تورلاردىن ئىزدەپ تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەردار بولۇشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنىڭ ئىنسانلىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، ئانا تىل بولسا ئاللاھ ياراتقان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك غۇرۇرى، بايلىقى ۋە بارلىقى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋەتەندە ئېلىپ بارغان ئانا تىل دەۋاسىنى چەتئەللەردىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر دەۋادىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزى تۈرمىدىكى زامانلاردا ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، ھەمدەرت بولغان ۋە دۇئا قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 2005 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە ئامېرىكا كانساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. 2013 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ياتقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئەنقەرەدە ياشىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/abduweli-ayup-01082016220730.html

Share
1391 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.