logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : ھەقىقىي سىياسىي مەھبۇس

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاماقخانا قائىدىسى بويىچە ئۇخلىغاندا مەھبۇسلارنىڭ بېشى، قولى ئوچۇق بولۇشى كېرەك ئىكەن. بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇخلاش ئالدىدا كامېر باشلىقى قارا خالتىنى ئالدۇرۇۋەتتى. سۈيدۈك پۇرىقىدىن باشقا بىر ھاۋانى، قارا رەڭدىن خالى بىر ھاياتنى قايتا كۆرەلىگىنىم ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكرىلەر ئېيتتىم. دۇنيانى يېڭىدىن كۆرۈۋاتقاندەك ئەتراپىمغا سەپ سالدىم. مەھبۇسلار يالىڭاچ دېگۈدەك مېڭىپ يۈرۈشەتتى. شۇئان ئېسىمگە ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە قارىشىپ، قىپ-يالىڭاچ يۇيۇنىدىغان خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى مۇنچىلار كەلدى. ئۇلارنىڭ مېنى يالىڭاچلاپ، ئۇيالغىنىمنى مازاق قىلىشلىرىنى ئەمدى چۈشەندىم. ئەمما، يالىڭاچلىق ۋە يالىڭاچلاش خىتايغا ئويۇن بولغان بىلەن، ئۇيغۇرغا قىيىن ئىدى.

كامېردا قىزىل كىيىنىپ ئولتۇرغان ئىككى كىشى بار ئىدۇق. بىرى مەن، يەنە بىرى سىچۈەن تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بىر قاتىل بولۇپ «ئۆلۈك» دەپ چاقىرىلىدىكەن. قىزىل كىيىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار بىلەن سىياسىي جىنايەتچىلەرگە خاس ئىكەن. گۇندىپاي كەچلىك سان ئالغاندا قاتىلنى چاقىرىپ ئۆلۈمدىن قورقماسلىق ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. ماڭا قاراپ: «ياۋاشلىق بىلەن جىنايىتىنى تاپشۇرسۇن! بولمىسا پۇت، قولىنى چېتىپ مىدىرلىماس قىلىپ قويىمەن» دەپ كېتىپ قالدى.

تېلېۋىزوردىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا دائىر خەۋەر چىقىۋاتاتتى. شى جىنپىڭنىڭ بايرام بېغىشلىمىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. توۋا، مەنمۇ ئەسلى قاتىلدىنمۇ قەبىھ كۆرۈلۈپ قاماقتا خورلىنىدىغان جىنايەتچى ئەمەس، بۈگۈن بايرىمى تەبرىكلىنىدىغان مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچى ئىدىم.

گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان خالانىڭ يېنىدا داسلارغا سۇ تولدۇرۇپ تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم. كىم ھاجەت قىلىپ بولسا سۇ تۆكۈپ ماڭدۇرۇش مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى. مەھبۇسلار يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاراڭغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەن قامالغان بۇ كامېرغا ئېغىر قاتىللىق ۋە سىياسىي دېلو سادىر قىلغانلار قامىلىدىكەن. شۇ كۈنى خىتاي مەھبۇسلار قايىل بولۇپ تىلغا ئالغان، بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان ئابدۇراخمان ئىسىملىك سىياسىي مەھبۇس ھەققىدىكى پاراڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە.

ئابدۇراخمان ئاقسۇدىن بولۇپ ليۇداۋان قاماقخانىسىنىڭ مەن ياتقان 1-1 نومۇرلۇق كامىرىدا ئىككى يىل تۇرۇپتۇ. ئىككى يىلدا ئۇنىڭ سول قولىدىكى ئىشكەل پۇتىدىكى كىشەنگە چېتىقلىق تۇرۇپتۇ. ئۇ شۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ كىرلىك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى بىر قولىدا دائىم پاكىز يۇيۇپ كىيىدىكەن. ئەۋرىتىنى كۈندە يۇيۇپ تۇرىدىكەن. ھەر ئاماللار بىلەن دائىم ياردەمگە تەييار ئىكەن. چاغاندا بىر رەتلا بېرىلگەن توخۇ قورۇمىسىدىن چىققان سۆڭەكتە يىڭنە ياساپ، باشقا مەھبۇسلارنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرىنى ياماپ، ئۈزۈلگەن تۈگمىلىرىنى قاداپ بەرگەن ئىكەن. قاماقخانىدا يىڭنە بېرىلمەيدىغان بولۇپ تۈگمىلەر ئۈزۈلۈپ كەتسە پەقەت ئامال يوق ئىدى. مەن ئابدۇراخماننىڭ بۇ چارىسىنى بىر يىل سىناپ باققان بولساممۇ يىڭنە ياساشقا مۇۋەپپەق بولالمىدىم.

تەپتىشتىن كەلگەن كادىرلار ئابدۇراخمانغا باشقىلارنى پاش قىلسا، جىنايىتىگە ئىقرار بولسا، تۆۋە قىلسا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دېگەنمىش. ئەمما ئابدۇراخمان پاش قىلىش، ئىقرار قىلىش ۋە ياكى پۇشايمان قىلىشنى رەت قىپتۇ. ئەگەر ئىقرار قىلدى، دەپ جاكارلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماي قالسا نېمە قىلىدىغانلىقى سورالغاندا، بارلىق تۈرمىلەرگە ئوت قويۇپ، سوت ۋە ساقچىخانىلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى دەپتۇ.

ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن گۇندىپاي كىرىپ ئابدۇراخماندىن بۇ ئاخىرقى كېچىدە نېمە يەيدىغانلىقىنى، نېمە قىلغۇسى بارلىقنى سوراپتۇ.

ئابدۇراخمان بىر تىغ بېرىلسە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ يۇيۇنۇۋېلىشنى، بىر جايناماز بېرىلسە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋېلىشنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاتا-ئانىسىدىن رازىلىق ئېلىۋېلىشنى دەپتۇ. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ھېچبىر ئارزۇسى ئورۇنلانماستىن، ئەتىسى سەھەردە ئېتىش مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلىپتۇ. ئىككى يىل قولى، پۇتىدىكى ئىشكەلگە چېتىقلىق تۇرغاچقا ئۆرە بولالماي كۆزىدىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ. ئابدۇراخمان كامېردىن ئۆمىلەپ چىقىۋېتىپ كامېر باشلىقى «جياڭجۇن» گە: -سەندىن ناشتىدا ئارىيەت ئالغان ئىككى خالتا سۈتنىڭ ھەققىنى ماڭا كىرگەن پۇلدىن تۇتۇپ قال!-دەپتۇ.

«جياڭجۈن» بۇلارنى دەۋېتىپ كۆزىگە ياش ئېلىپ: «ھەقىقىي سىياسىي مەھبۇس دېسە ئابدۇراخماندەك بولسا، خەقنىڭ بىر تىيىنىغا خىيانەت قىلمايدىغان راستچىل بولسا! ئىسمىغا لايىق بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

ماڭا بۇ گەپلەر دەسلەپ تەھدىتتەك تۇيۇلغان ئىدى. ليۇداۋان قاماقخانىسىغا قارا خالتا بىلەن ئېلىپ كېلىنىشىم، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئارىسىغا قامىلىشىم، كىرىپلا خورلىنىشىم بېشىمغا كېلىدىغان بىر دەھشەتنىڭ بېشارىتىدەك بىلىنگەن ئىدى. ئابدۇراخماننىڭ كەچمىشىنى ئاڭلاپ، قەدىردانلىرى تۇتۇلغان قېرىنداشلارغا «ئەنسىرىمەڭلار، نەپرەت كۆزىمىزنى ئەما قىلمىسۇن، ئىنسان بار يەردە مۇھەببەت، پەزىلەت بار يەردە ھۆرمەت بار» دېگۈم كەلگەن ئىدى.

قاماقتىن چىققاندىن كېيىن ئابدۇراخماننىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئەمما، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە ليۇداۋان قاماقخانىسىدا قامىلىپ، سېنتەبىردىن بۇرۇن ئېتىلغانلىقىدىن بۆلەك ھېچقانداق ئۇچۇرنى دەپ بېرەلمىگەچكە خەۋەر ئالالمىدىم

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/turme-hayati-08082017132826.html

Share
1721 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.