logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: يۈز يىللىق بەتبەشرە مىراس

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇن ئامېرىكىدا دىيارىمىزغا دائىر يۈز يىل بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن سەل كېيىنكى گېزىت، ژورنال ۋە قوليازمىلارغا قىزىقىپ قالدىم. بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى شىۋىتسىيەلىكلەر توردا پايدىلىنىشقا ئېچىۋەتكەن بولسا، بىر قىسمىنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم شەخسەن رەسىمگە تارتىۋالغان ئىكەن. بۇ قوليازمىلاردا ئۇيغۇرلاردىكى ئۆرپ-ئادەت، يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ-جاي، ھۈنەر-كەسىپ، سودا –سېتىق، قانۇن-تۈزۈم قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەلۇماتلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن چۆچەكلەر، قوشاقلار، رىۋايەتلەر توپلاپ قالدۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئوغرى يوق شەھەر» تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ دىىققىتىگە سازاۋەر بولغان چۆچەكلىرىمىزدىن بىرى. بۇ قوليازمىلار ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بەزىلىرى «…بايانى » شەكلىدە قەلەمگە ئېلىنغان ئىدى. مەسىلەن،  «ناخشىنىڭ بايانى» دېگەندە ناخشىلارنىڭ قانداقتۇر بىر رىۋايەتلىك، كارامەتلىك مەنبەگە باغلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىلىرىمۇ ئالاھدە كۆپ بولۇپ ھەر بىر ھۈنەر مۇئەييەن بىر پىرغا باغلانغان.

قوليازمىلاردا دىيارىمىزدىكى كۆللەر، بۇلاقلار، تاغلار ۋە يۇرت-ئايماقلارمۇ مەلۇم بىر رىۋايەتكە ھامىلدار ئىدى. بۇ ماتېرىياللار پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئاۋام ئارىسىدىن توپلانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋردە دۇنيانى قانداق ئاڭقارغانلىقلىرىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك ئىدى. بەلكىم بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن دۇنيانى ئاشۇنداق پىرلار، پىرلارنىڭ كارامەتلىرى، شۇنداق مەدداھلارنىڭ رىۋايەتلىرى ئارقىلىق چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. دۇنيانى بۇنداق رىۋايەتلىك چۈشىنىش ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، مۇسۇلمان شەرقتىكى مىللەتلەرگە ئورتاق بىر ھادىسە ئىكەن. تۆۋەندە مەن قوليازمىلاردا خاتىرىلىنىپ ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگەن بەزى ھادىسىلەر ھەققىدە توختىلىمەن.

قوليازمىلاردىكى مەدرىس ۋە مۇدەررسىلەر ھەققىدىكى بايانلارغا قارىغاندا ئەينى چاغدا دىنى مائارىپتا پارىسچىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان. دەرسلىكلەردە پارىسچە ئاساس قىلىنىپ قائىدىلەر پارىسچە چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئۇسلۇپ بۇخارادىن مەنبەلەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا تاتار زىيالىلىرى سەمەرقەند ۋە بۇخارادا مۇشۇنداق نامۇۋاپىق ئۇسۇل سەۋەبلىك يىگىرمە ئوتتۇز يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان ئوقۇشتىن قاقشىغان بولسا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ «بالىلارنى ئىبەردۇق دىن ئۈچۈن سەمەرقەندۇ بۇخاراغا، بۇلارنىڭ ئەقلىنى ئاللاھ ھەۋزى ئىستىنجاغا يەتكۈزدى»(مەنىسى، بالىلارنى دىن ئۈچۈن سەمەرقەند ۋە بۇخاراغا ئەۋەتسەك، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئاران تاھارەتكە ئۇلىشىپتۇ) دەپ يازغان. ئابدۇقاردىر داموللام گەرچە مەدرىسە مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە پەننى دەرسلەرنى كىرگۈزۈشنى ئىككى قېتىم سىناق قىلغان بولسىمۇ جاھالەتچىلەرگە تەڭ كېلەلمەي ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن. ئارىدىن يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بىرەر ئۇيغۇر ئۆلىمانىڭ ئابدۇقادىر دامولامنىڭ ئۇسۇلىنى سىناپ باققانلىقى مەلۇم ئەمەس.

قوليازمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە كىشىلەردە پالغا، سىھىرگە، كارامەتكە ۋە كارامەتچى پىرلار، پالچىلارغا ئىشىنىش ئومۇملاشقان. بۇنداق كىشىلەرمۇ دىننى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئالدامچىلىق قىلغان. شۇ دەۋىرلەردە كىشىلەردە تېۋىپ بىلەن پالچى ئۇقۇمى ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا پالچىنىمۇ، تېۋىپنىمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى سورىماي تاپقىنىغا قاراپ  باھالاشقان. دىنمۇ سېھىرگەرلىك ئۈچۈن پايدىلىنىلغان بولۇپ قەشقەردە ياشىغان مەشھۇر ئالىم ئىمىر ھۇسەيىن قازىنىڭ مەلۇم بىر ئايەتنى مانچە يۈز قېتىم ئوقۇسا ئۇچىدۇ، دېگەن رىۋايەتنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئايەتنى شۇنچە قېتىم ئوقۇپ بالىخانىدىن سەكرەپ پۇتىنى سۇندۇرىۋالغانلىقىغا دائىر ھىكايەتلەر بار.

كاتتىلاردىن باشلانغان ۋە ئاۋامدا كېڭەيگەن پەندىن بىخەۋەرلىك، مەنتىقىلىق تەپەككۇردىكى ئاجىزلىق، جاھان يېڭىلىقلىرىدىن يىراق قېلىش، ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەرگە بىپەرۋالىق قاتارلىقلار كىشىلەرنى دىن بىلەن خوراپات، پەن بىلەن سېھىر، مەدەنىيەت بىلەن جاھىللىق، تەرەققىيات بىلەن قالاقلىقنىڭ ئاراچلىرىدا ھالسىرىتىپ قويغان. ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ بۇ ھالەتنىڭ قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى «خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى» دېگەن كىتابنىڭ سېتىلىشى بىلەن «مۇسۇلمانلار پەلەسەپىسى» ۋە «ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن كىتابلارنىڭ سېتىلىشىنى، ياكى «ھاياتلىق ۋە موھىت»، «ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلىشى» دېگەن كىتابلارنىڭ سېتىلىشى بىلەن «مېنىڭ پىسخىك مەسلەھەتچىم» دېگەن دېىسكىنىڭ سېتىلىشىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. بۇ سېلىشتۇرمادىن پەندىكى ۋە دىندىكى يۈز يىللىق ئىلگىرلەشنىڭ نەتىجىسى قىسمەن بىلىنىدۇ.

قوليازمىلاردىن ۋە بۇلارنى يازغۇچى موللىلاردىن مەلۇمكى،  قەدىمى ئۇسلۇپتىكى مەدرەسە مائارىپىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللەندۈرىدىغىنى دىنىي كىتاپ ئوقۇشنىلا كىتاپ ئوقۇش دەپ بىلىش، دىنى ئىلىملەرنى ئىلىم دەپ قاراش ۋە ئۇنى ئەڭ قىيىن ۋە ھەممەنى ھەل قىلىدۇ دەپ قاراش، ئەرەپ تىلىنى ئەڭ مۇقەددسە، مۇكەممەل تىل دەپ قاراش، ئۇستازلاردا قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئەينى چاغدا بىر ئادەمنىڭ ئىلىمدىكى ئىقتىدارى شۇ كىشىنىڭ ئەرەپ، پارىسچە ئەسەر يازالىغانلىقى بىلەن ئۆلچەنگەنلىكى ئۈچۈن، ھۈسەيىنخان تەجەللى، ئەخمەت زىيائىي قاتارلىق شائىرلارمۇ ئەرەپ ۋە پارىسچە نەزىملەرنى يېزىشقان. ھازىر بۇ نەزمىلەرنى يا ئۇيغۇر ئوقۇرمەن ئوقۇيالمايدۇ، يا ئەرەب-پارىس ئوقۇرمەنلىرى خېرىدارلىق قىلمايدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىممۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتابىغا ھىچ بىر زۆرۈرىيەتسىز ئەرەپچە « تارىخى ئەسەر ۋاقىئاتى كاشغەر» دەپ ئىسىم قويغان.

قوليازمىلاردا كىشىلەرنىڭ ماددىي دۇنيادىكى ھادىسىلەرگە ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى مۈشكۈللەرگە چۈشلەردىن بىشارەت ئىزدەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس تۇمار، تەبىرنامە، ھاجەتنامەلەر بارلىققا كەلگەن. كىشىلەر ئادەتتە چۈشى بۇزۇلۇپ قالسا داخانلارغا ئۆرىتىش، باقشىلارغا باقتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولىشىدىكەن، ياكى تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىش، قان قىلىش، قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىدىكەن. چۈشلەردىن بۇنداق بىشارەت ئىزدەش، رىيال ھادىسىلەرنىڭ جاۋابىنى چۈشكە باغلاپ سىرلىقلاشتۇرۇش، بىرى چۈش ھەققىدىكى پەننى بىلىمدىن بىخەۋەرلىكى ، يەنە بىرى تارىختىن بېرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چۈشنى دىن نوقتىسىدىن سىرلىقلاشتۇرىشى ۋە دىن نامىدىن تۈرلۈك چۈشلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كىشىلەرگە دىندەك قوبۇل قىلدۇرېۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قەلەمگە ئېلىنىشىچە ئەينى چاغدا بەدەندىكى ئۆزگىرىش، مەسىلەن، سۆگەل چىقىپ قېلىش، مەڭ پەيدا بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ كەلگۈسىدىن بىشارەت بەرگۈچى بىر ئامىل ئايلاندۇرۇلغان. بۇندىن باشقا قۇلاقنىڭ چوڭ، ماڭلاينىڭ كەڭ بولۇشى قاتارلىقلاردىن رىيال ھاياتتىكى ئۇتۇق، كېلىشمەسلىك ۋە كەلگۈسىگە بىشارەت ئىزدەشمۇ بولغان. مەسىلەن، بۇ ھەقتە «قىياپەتنامە ۋە سائەتنامە» دېگەن كىتابنىڭ ئەينى چاغدىمۇ ئالقىشلىق كىتاپ بولغانلىقى ۋە بۈگۈنمۇ خېرىدارلىرى ئۈزۈلگمىنى تەئەججۈپلۈك. ئۇندىن باشقا تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىش، مەسىلەن تۇيۇقسىز چىققان بوران، مەزگىلسىز ياققان يامغۇر، قاتتىق تەۋرىگەن يەر، بىمەھەل كەلگەن سەل قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئىلمىي قانۇنىيەتلەر بويىچە، ئىلمىي ئەسەرلەردىن جاۋاپ تاپماي…قانداقتۇر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىمىزغا جازاسى، پىرلارنىڭ قارغىشى، روھلارنىڭ بىئاراملىقى دېگەنگە ئوخشاش ئەقىلگە مۇخالىپ ئامىللارغا باغلاشمۇ قوليازمىلاردا ئىپادىلەنگەن، ئەمما ھازىرمۇ يوق ئەمەس.

قوليازمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە ئەينى چاغدا كىشىلەر جىنلار ھەققىدە بىر مۇنچە خوراپى چۈشەنچىلەرگە ئالدىنپ قان تەرىنى ۋە ماللىرىنى قۇربان قىلىشقان. مەنچە پەننىڭ ئومۇملاشماسلىقىدىن باشقا جىنلار ھەققىدىكى دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ توغرا يەتكۈزۈلمەسلىكىمۇ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى، روھىي، نېرۋىي ۋە پىسخىك مەسىلىلەرنى جىنلارغا باغلاپ چۈشىنىشكە سەۋەپ بولغان. ھەتتا مەخسۇس جىن قوغلايدىغان جىنكەشلەر بولغانلىقى مەلۇم. يۈز يىل بۇرۇن خاتىرلەنگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بۇنداق خاتا چۈشىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان پاجىئەلەر بۈگۈنمۇ ئاياقلاشقىنى يوق. بولۇپمۇ بىر قىسىم نېرۋا، روھىي ۋە پىسخىك كېسەللىكلەر ھە دىسىلا جىنلارغا باغلاپ چۈشىنىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرماقتا. 2011-يىلدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشلىرىمدە يېڭىشەھەر ۋە ئاقتۇ تەرەپلەردە خەنسۇ داخانلار بازار تاپقان بولۇپ خەنسۇنىڭ جىنى چاپلىشىۋالغانلارغا شۇ خەنسۇ داخانلار ئايەت ئوقۇپ ساقايتمىسا بولمايمىش.

بۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردىكى «رىياللىقتىكى ئەۋلىيا» ئاتالغان قۇربانجان تۇرەك ھادىسەسى شۇ جىن بىلەن باغلىنىدۇ. قۇربانجان تۇرەك پۈتۈن دۇنيادىكى داخانلارغا ئورتاق بولغان «جىن ئېلىپ قېچىپ غايىپنى بىلىدىغان قىلىپ قويغانلىقى» ھەققىدىكى رىۋايەتنى توقۇۋاتىسا، جىنلار بىلەن دېيىشەلەيمەن دەپ كېسەل «داۋالاش» قا مەشغۇل بولۇۋاتسا يا «سۈرە جىن»نى يادا بىلىدىغان ئۆلىما، يا تېبابەت ئوقۇغان ئالىم ئىنكاس قايتتۇرمىغان. ھەتتا بۇ زات ھەققىدە بىر قانچە يازغۇچى «رىياللىقتىكى ئەۋلىيا» دەپ ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى داڭلاپ كىتاپ يازسىمۇ ئالىملىرىمىزدىن سادا چىقمىغان. بۇمۇ يا پەننىڭ يا دىننىڭ ھەقىقى ئومۇملاشمىغانلىقى، لوگىكىلىق، ئىلمىي  تەپەككۇرنىڭ ئاجىزلىقى، دىننىڭ سۈزۈك، ئىلمىي چۈشىنىلمىگەنلىكىدىن بولغان.

قوليازمىلاردا يەنە تۇمار پۈتكۈزۈش، ئىسىتقۇ سوۋۇتقۇ قىلىش، بالا تىلەش، ئوت كۈچۈرۈش، پال سېلىش، روھلاردىن مەدەت تىلەش، مازارلاردىن شاپائەت تىلەش، پىرلارغا دۇئا قىلدۇرۇش قاتارلىق دىن نامىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدىمۇ بايانلار بېرىلگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ بىر قىسىم جايلاردا ۋە بىر قىسىم كىشىلەردە مەۋجۇد بولۇپ، ھازىرمۇ بۇنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار دىنغا ئۇيغۇنلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئەگەشكۈچىلەرمۇ شۇنداق بىلىپ ئەگىشىدۇ. بۇ پائالىيەتلەردە ئايەتلەر ئوقۇلماي، دۇئالار قىلىنماي قالمايدۇ. شەكلەنگۈچىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدە شەكنىڭ بولمايدىغانلىقى، بۇلاردىن گۇمان قىلغانلىق ئايەتكە گۇمان قىلغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇلار شۇ شەكسىز ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى مەنىسى بىلىنسە ئالدامچىلىق ئاشكارىلىنىدۇ.

يۈز يىل بۇرۇنقى قوليامىلاردا ئەكىس ئەتكەن بەتبەشرە مىراسلار بىر دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ، تەرەققىياتسىز قالغان رايۇنلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بىزدە بۇ ھادىسىلەردىن بەزىلىرىنىڭ كۆپ سۇسلىغانلىقى تەلىيىمىز. بايان قىلىنىشىچە شۇ چاغلاردا بەزى ھادىسىلەر ئۆلىمالارنىڭ ئىشتىراكىدا ئورتىغا چىققانىكەن. مەسىلەن، تۇمار پۈتۈش، جىنكەشلىك، مازاردىن شاپائەت تىلەش، روھلاردىن مەدەت تىلەش قاتارلىقلار. شۈكۈركى، ھازىرقى موللىلاردىن بۇ ئىشلارغا مەشغۇللىرى يوقنىڭ ئورنىدا. پىرلارغا يەر، ئۆي ۋە ماللىرىنى دۇئا قىلدۇرۇش، ھەتتا قىزلىرىنى دۇئا قىلدۇرۇشقا ئوخشاش لەنەتلىك قىلمىشلارنى يوقالدى دېيىشكە بولىدۇ. پىرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىمۇ ئاجىزلاپ يوقالغىلى تۇردى. ئەمما پىرلار ۋە مۇرتلار يوقالغان بىلەن پىرلىق تاماسى ۋە مۇرتلۇق سەۋداسى تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، كىشىلىرىمىزدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر، ۋەقەلەر ۋە مەسىلەلەرنىڭ ماھىيىتىگە دىققەت قىلماي، شۇلار ھەققىدىكى ئۇستازلارنىڭ دېگەنلىرىگىلا ئەگىشىشلەر، ئۆزى تۇتقان ئۇستازنىڭ قاراشلىرىنى مۇلاھىزىسىز قوبۇل قىلىشلار، ئۇندىن باشقا ئۇستازلاردىكى مۇستەبىتلىك، جاھىللىق ۋە ئىخلاسمەن تالىشىشلار دېگەندەك. دۇنيانى رىۋايەتلىك چۈشىنىش، كارامەتلەرگە ۋە كارامەتچىلەرگە ئالدىنىشمۇ ھېلىغىچە مەۋجۇت. مەسىلەن، كەبىگە چۈشكەن پەرىشتە، قۇرئاننى دەسسىگەنلىكتىن مايمۇنغا ئايلىنىپ قالغان قىز قاتارلىق تۈرلۈك يالغان مۆجىزىلەرنىڭ ئېقىپ يۈرۈشلىرىمۇ ئىككى دۇنيانى ئىلمگە ۋە ھەق دىنغا تايىنىپ ئەمەس كارامەتكە، رىۋايەتكە ئەگىشىپ چۈشىنىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

 

http://www.akademiye.org/

Share
1451 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.