logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: مۆھتىرەم ئەردوغان، ئۇيغۇرلار سىز سەۋەپلىك تۇتۇلدى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

2018-يىلى ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋەقە غەرپتىكى ئەڭ ئاساسلىق تاراتقۇلارنى قاپلاپ غەرپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھالبۇكى تۈركىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە زوۋان سۈرمىدى. ھەتتا ت ر ت دۇنيا دېگەن ئېنگىلىزچە قانال ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەن بىلەن قىلغان سۆھبەت پروگرامماسىنىمۇ تارقىتالمىدى. ئاق پارتىيە ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ پاسسىپلىقى بۇنىڭ بىلەنلا قالمىدى. يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى «تېرورچىلارغا نىشان كۆرسىتىش جىنايىتى» بىلەن شىكايەتكە ئۇچرىدى. 60 كىشىدىن ئارتۇق زۇلۇمغا قارشى سەپەرگە ئاتلانغان بىر ئۆمەك ئەنقەرەنىڭ بوسۇغىسىدىن قايتۇرۇۋېتىلدى. مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلى ئۇيغۇر پاجىئەسى توغرىلىق خەۋەرنى غەرپنىڭ سۈيئىستىمال قىلىشىغا باغلىدى.
بۈگۈنكى تاراتقۇلاردا ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پاجىئەسىگە نېمە ئۈچۈن زۇۋانسىز قالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن زۇۋان سۈرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە گەپ بولمىدى. مەن زۇۋان سۇرۇشى كېرەك دەپ قارايمەن ۋە مۇنداق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىمەن. مەن تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى دېگەندە بۇرۇن دېيىلگەن قانداشلىق بۇرچىنى تىلغا ئالمايمەن، مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىنىمۇ سۈرۈشتە قىلمايمەن. پەقەت تۈركىيەدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەت ۋە ھۆكۈمرانلار بىۋاستە سەۋەپكار بولغان زۇلۇمنىلا ئوتتۇرىغا قويىمەن.
1.ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندا تۈرك بايراقلىرى بار كېيىملەرنى كىيگەنلىكى، تۈرك بايرىقىدىكى ئاي يۇلتۇز بولغان زىننەت بويۇملىرى، ئۆي جىھازلىرى ۋە بېساتلارنى ئىشلەتكەنلىكى، تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەن، تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، لاگىرلارغا قامالدى، ھەتتا سوراقلاردا ئۆلۈپ كەتتى. تۈركىيەنى تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخرى، تۈركلەرنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى، ھەققانىيەتنىڭ ھامىسى دەپ قارىغان، سۆيگەن، ئۇلۇغلىغان ئۇيغۇرلار بۇ سەۋدالىقنىڭ بەدىلىنى ئۆتەۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە زۇۋانسىز قالماسلىقى كېرەك.
2. 2012-يىلى ئاپرىلدا پىرىزدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقى پەلەككە يەتتى. تۈرك رېستۇرانلىرى شەرقى تۈركىتساننى قاپلىدى، تۈرك تىجارەتچىلەر يۈزلەپ كەلدى، تۈرك مەھسۇلاتلىرى بازارلارغا تولدى، تۈركىيە ساياھىتى ئۇيغۇرلاردا مودا بولدى. ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىۋاتقان ماللارنى توختىتىپ تۈركىيە ماللىرىنى سېتىشقا باشلىدى. تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىليۇنلاپ دوللارلار ئېقىپ يۈردى. ئەمما بۇ تىجارەت 2017-يىلى ئاپىرىلدىن كېيىن جىنايەت ھىساپلاندى. تۈركلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلار تۇتۇلدى. تۈركىيەگە پۇل پېرىۋۇت قىلغانلار قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇيغۇرلار بۈگۈن تۈركىيەگە قىلغان ساياھىتى، تۈركلەر بىلەن قىلغان تىجارىتى، تۈركلەرنىڭ قولىدىن يىگەن غىزالىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئىكەن ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشى كېرەك.
3. 2013-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلدى. بۇ قاچاقلار تۈركىيەدە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئالدىشى بىلەن تۈركىيە-سۈرىيە چىگراسىدىن يۈزلەپ ھالقىپ تېرورچىلارغا كەتتى. مەسىلەن، 2015-يىلى ئۆكتەبىردە بىر ئاپتوبۇستا 45 ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ سۈرىيەگە توسالغۇسىز كىرىپ كەتتى. بۇنداق سۈرىيە سەپىرى تاكى 2017-يىلى رامىزانغىچە داۋام قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە كەتكەن بۇ ئۇيغۇرلارنى داۋراڭ قىلىپ پۈتۈن بىر مىللەتنى تېرورلۇق بىلەن جازالاۋاتىدۇ. شۇڭا تېرورلۇق بىلەن ماركىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئازاپلىرىغا تۈركىيەدىن سۈرىيەگە تېرورغا ماڭغانلارنى توسمىغان ھاكىمىيەت مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
4. تۈرك رەھبەرلىرىدىن دەۋلەت باھچەلى، زافەر چاغلايان، ئاخمەت داۋۇت ئوغلۇ، رەجەپ تايىپ ئەردوغان قاتارلىقلار شەرقى تۈركىستانغا باردى. يەرلىك ئۇيغۇلار ئۇلارنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلدى، قۇچاقلىدى، بازارلاردا ھەدىيەلەر بىلەن ھۆرمىتىنى قىلدى. بۈگۈن مۇشۇ رەھبەلەر بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلار قاماقتا. بولۇپمۇ دەۋلەت باھچەلى بىلەن كۆرۈشكەن ھېيىتگاھنىڭ ئۆلىمالىرى، ئاخمەت داۋۇت ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇر مۆھتىرەملەر ۋە ئەردوغانغا چىلان سۇنغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر قاماققا ئېلىندى. سەن بىلەن كۆرۈشكەن ئادەم جىنايەتچى دېيىلىپ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تۇتۇلغان ئىكەن، خىتاينىڭ نەزىرىدە سەن جىنايەتچىنىڭ قۇتراتقۇچىسى، خەتەرلىك ئىنسان دېگەن سۆز. بۇ چاغدا سېنىڭ بۇرچۇڭ يا خىتايدىن «مېنىڭ نەرىم خەتەرلىك» دەپ سورايسەن، ياكى سەن سەۋەپلىك تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى سورايسەن. مەسىلەن: رەسىمدىكى دوپپىلىق ئۇيغۇر، ئىسمى غوجى ئابدۇللا، يېڭىسار ناھىيىسنىڭ قارىۋاش يېزىسىدىن، چوڭ بازاردىكى مىليۇنىر، 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىۋاتقان ئۇيغۇر، يېڭىسار قارىۋاشتىن، ئىسمى ئىبراھىم. بۇ كىشىمۇ شۇ مەزگىللەردە تۇتقۇن قىلىنغان. جانابى ئەردوغان، بۇلار سىز سەۋەپلىك تۇتۇلدى، ئۇلارغا نېمە دەيسىز؟
مەن ئىسمى تىلغا ئېلىنغان سىياسىيۇنلارنى ۋە تۈركىيەدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى خىتايغا قارشى تەدبىر قىلسۇن دېمەيمەن. ھاكىمىيەتنى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مەيدانغا چىقسۇن ياكى ئۇيغۇرغا ئىلتىپات قىلسۇنمۇ دېمەيمەن. مەن پەقەت ئۇلارنى ئۆزى سەۋەپكار بولغان زۇلۇمنى يوققا چىقارمىسۇن، يوشۇرمىسۇن، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسۇن دەيمەن. بىز ئۇيغۇرلار ئىلتىپات تىلىمەيمەيمىز، مەرھەمەت تىلىمەيمىز، ياردەم ئىستىمەيمىز، پەقەت ئادالەت تەلەپ قىلىمىز، ھەققانىيەت سورايمىز، ئىنسانىي ۋىجدان تىلەيمىز.

Share
1259 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.