logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە « ئۇلۇغ » بېقىندىلىق

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە « ئۇلۇغ » بېقىندىلىق

 

ئەزھەردىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا ئىلاھى ئىلىم ئىگىلەشنى نىشان قىلىش بىلەنلا قالماي، كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ ياشاش ۋە جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىر كەسىپ ئۆگىنىش ھەققىدە لېكسىيە قىلدىم. بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبەم بويىچە مۇساپىرەتتىكى ھاياتتا مەندەك ئەدەبىيات، تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق بىلىدىغان بىر ئادەمگە قارىغاندا تامچىلىق، بېزەكچىلىك، كومپىيوتىرچىلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ بەكرەك ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ئوقۇش ھاياتىمدىن پۇشايمان قىلىشقا توغرا كەلسە بىر كەسىپنى قوشۇپ ئۆگىنىپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىمنى دېدىم. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ گېپىمگە رەددىيە بېرىپ، دىن ئوقۇشىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، مىسىرغا جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان كەسىپ ئۆگىنىشكە كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ۋەتەندە جۇغراپىيە ئوقۇغان بىر ماگىستىرنىڭ ئەزھەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنراق دىن ئوقۇماي كەسىپ ئوقۇغىنىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئىلاھىي ئىلىم ئالدىدا باشقا ئىلىمنىڭ ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ ماڭا رەددىيە بەردى. تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىشنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقاپ ئەپسۇسلاندىم، بەلكىم، مەن دېمەكچى بولغانلىرىمنى ياخشى چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن. شۇنداق قىلىپ لېكسىيەمنى ئىسلام تارىخىدا نېمە ئۈچۈن ساراي شائىرلىرى ۋە ساراي ئۆلىمالىرى دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىش بىلەن ئاياغلاشتۇراي دېدىم ۋە «بازاردا ئاققىدەك ھۈنىرى يوق شائىر ھۆكۈمدارنى ماختاپ شېئىر ساتىدۇ، ئۆزىنى باققۇدەك كەسپى يوق ئۆلىما ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ پەتىۋا ساتىدۇ. ھۈنەر ساتسا ھۈنەرۋەن دەيمىز، ياساپ ساتسا كاسىپ ئاتايمىز، ئەمما پەتىۋا ۋە شېئىر ساتسا ساتقۇن بولۇپ تونۇلىدىغان گەپ» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، بىرئاز ئېچىنغانچە خوشلاشتىم.

يۇقىرىقىدەك مەسۇم ئوقۇغۇچىلارنى تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىش ھەممىمىزدە بار. چۈنكى بىز دېھقان، ئىشچى، كادىر، باي، باشلىق دېگەندەك ئېنىق سىنىپلارغا ئايرىلغان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇرمىز. بۇ سىنىپلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ.

ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق كىشى يۇقىرىقى سىنىپلارنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ ۋە جەمئىيەتتە شۇنىڭغا لايىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بىز ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىلەرگە بەزىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇقىرىقى سىنىپ ئايرىمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. شۇڭا جەمئىيەتتە كەسىپ ئىگىلەش دېگەنلىك تۆۋەن تەبىقىدىكى ئىشچىنىڭ ئىشىدەك تۇيۇلۇپ ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ياشلىرىمىز مەھەللىلەردە كالتەك كۆتۈرۈپ جېسەكچىلىك قىلىشنى، قالقان تۇتۇپ قاراۋۇللۇق قىلىشنى بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشتىن ئەۋزەل بىلىدۇ. ھەممىمىز تەبىقىچىلىك ھۆكۈمران بولغان جەمئىيەتنىڭ قېلىپىدا قۇيۇلغىنىمىز، يۇقۇملانغىنىمىز ئۈچۈن بىر قىسىم ياشلار چەتئەللەردىمۇ ئاۋۋال بىرەر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتماي ئەرەبچە ۋە قۇرئان ئۆگىتىدىغان ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇشنى تاللاۋاتىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆلىمالار ئەتراپىدىكىلەرنى، ھەتتا بالىلارنىمۇ شۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتىمىز. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئىنسانغا 72 خىل ھۈنەر ئاز»، «ھۈنەرلىك ئىنسان خار بولماس» دېگەنگە ئوخشاش ۋەسىيەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سودىگەر، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆمۈرچى، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياغاچچى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دوختۇر بولغانلىقىدەك سۈننەتلەرنى تاشلاپ قويغانغا باراۋەر.

مەسلىھەت سورىغان ۋە سورىمىغان ئىنى سىڭىللارغا شۇنى دېگۈم بار؛ بۈگۈن بىز يەرشارى تورلىشىپ بىر كەنتكە ئايلانغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. رىسقىمىزنىڭ نەگە چېچىلغانلىقىنى ھېچ قايسىمىز بىلمەيمىز. باشقىلارغا موھتاج بولماي، بىرەر سىياسىي گۇرۇھ، ئىدېئولوگىيە ۋە ئورگانغا بېقىنىپ قالماي، زاكات تىلىمەي زاكات بېرىپ ياشىماقچى بولساق ئۆزىمىزدە دۇنيانىڭ نەرىگە بارساق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر كەسىپ، ھەممە يەردە قوللىنىلىدىغان بىر تىل ۋە سەمىمىيەتنى ئۆلچەم قىلغان بىر ئەخلاق يېتىلدۈرگىنىمىز ئەۋزەل. ئىلاھىيەتكە بولغان سۆيگۈ، شېئىرىيەتكە بولغان ھەۋەس، تارىخقا بولغان مۇھەببەت، غايىبقا بولغان تەپەككۇر، جەمئىيەتكە بولغان قىزىقسىنىشلار پەقەت بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىمىز بولۇپ مەنىۋى ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ. ئەمما ئىقتىسادنى ماتور قىلىپ ئايلىنىۋاتقان دۇنيادا بىزنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرىدىغان بىرەر كەسىپ تۇرمۇش ۋاسىتىمىز بولمىسا، ئۇلۇغۋار غايىلەر پۇچەك تۇرمۇش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ، غايىنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە بىزنىڭ ئىنسانى قىممىتىمىز يەرگە ئۇرۇلۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مۇسۇلمان كۇتۇلداش ۋە ياكى مەمەدانلىق بىلەن ئىسلامغا خىزمەت قىلمايدۇ. ئىسلامغا ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىش ئازابلىق ھەم شەرەپلىك بولىدۇ. بۇ ئازابلىق راھەتنى« ئىسلامىيەتنى ئۆزىنىڭ پۇل تېپىشى ۋە ياكى يۈز ئابرۇي تېپىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلار ، ئوقۇغانلار ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايدۇ». ئىنشائاللاھ جەننەت ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ قولىدىن كېلىشچە خىزمەت قىلغانلارغا تەئەللۇقتۇر.

 

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئاۋازى تورى

Share
2664 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.